تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچتۇرپان «ياڭاق ئائىلىسى»نىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خاۋ لىڭ

چاغانغا ئاز قالدى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىچكىرى رايونلارغا ماڭدۇرىدىغان خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە، ياڭاق ئەمدى نوقۇل ھالدا ياڭاق ۋە ياڭاق مېغىزى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆپ خىل تۈردىكى، كۆپ خىل تەمدىكى «ياڭاق ئائىلىسى» بولۇپ قالدى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ چۈەنيۈ شىڭكۇڭ خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مۇلازىمەت زالىدا، نۇرغۇن قەغەز ياڭاق، ياڭاق مېغىزى، ياڭاق سوقمىقى، ياڭاق تالقىنى، ياڭاق يېغى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانلىرى بار. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بەرپا قىلغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئالاقە تورىدا سېتىش سۇپىسىدىكى «<ياڭاق> سىز بىلەن بىللە»دە، ياڭاق مېغىزى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەسلىي تەمى، دېڭىز تۇزى تەمى، ھەسەل تەمى قاتارلىق كۆپ خىل تەملىكلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

يىللىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى جانلاندى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بازارغا سالغان ياڭاق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى باشقا جايلاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭمۇ كۆزىنى چاقناتتى.

1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ياڭاق پىششىقلاش كارخانىسى − ئاقسۇ جىنشاۋ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، ئىشچىلارنىڭ جىددىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، تېخنىكلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى.

ئايرىش سېخىدا، ياسىن تۇرسۇن قاتارلىق 20 نەچچە ئىشچى رەتلىك، پاكىز خىزمەت كىيىمى كىيىپ، ئايىغىغا بىر قېتىملىق ئاياغ قاپلىمىسى كىيىپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ياڭاق مېغىزىنى ماھىرلىق بىلەن يېيىپ، بىر - بىرلەپ مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە قاراپ ئايرىدى. بۇ ماشىنا ئارقىلىق تاسقالغان، شاكىلى ئايرىلغان، پوستى سويۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى ياڭاق مېغىزلىرى ئادەم كۈچى بىلەن ئايرىلغاندىن كېيىن، كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە يوللىنىدۇ.

«بۇ تېخى تەييار مەھسۇلات ئەمەس، لېكىن پىششىقلىنىشتىن بۇرۇنقى تەمگە قارىغاندا كۆپ ياخشى.» ياسىن ياڭاق مېغىزىدىن بىرنى مۇخبىرنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇندى. ياسىن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى ئۈستىنكى خوتەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، 20 نەچچە يىل ياڭاق ئۆستۈرگەن، ئۇ ئىلگىرى ياڭاقنى پىششىقلاش ئارقىلىق بۇنچە كۆپ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق يېيىشلىك بولىدىغانلىقىنى قىلچە ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

جىنشاۋ مېۋىچىلىك شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، ياسىن دۆۋە - دۆۋە ئىنتايىن ئادەتتىكى ياڭاقلارنىڭ ھەرخىل ماشىنا ئاقما لىنىيەلىرى ئارقىلىق، خالتىغا قاچىلانغان، قۇتىغا قاچىلانغان، قاپقا قاچىلانغان نەپىس سوۋغاتلارغا ئايلانغانلىقىنى كۆردى.

«چاغان كېلىپ قالدى، كۆپرەك مال تەييارلاش كېرەك. بىز يەنە نەچچە كۈن جاپا تارتساقلا چاغان ئۆتكۈزۈشكە قويۇپ بېرىدۇ، قانداق؟» بۇ چاغدا، سېخ باشقۇرۇش خادىمى جۇ جىفۇ كېلىپ ئىشچىلار بىلەن سالاملاشتى. 2017 - يىلى، جېجياڭ جىنشاۋ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە مەبلەغ سېلىپ ياڭاق پىششىقلاش تۈرىنى قۇرغاندا، بۇ شىركەتنىڭ تېخنىكا خادىمى جۇ جىفۇ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشكە ئاتلىنىپ، بىر نەچچە خىزمەتدىشى بىلەن ياڭاق مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشتى.

زېھنىي كۈچىنىڭ ھەممىسىنى ياڭاقچىلىققا قاراتقاندىن كېيىن، جۇ جىفۇ يۇرتىدىكى بىر چاي يېغى ئىشلەيدىغان تېخنىكتىن ياڭاقچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئاچىدىغان مۇتەخەسسىسكە ئايلاندى. ھازىر ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان نەچچە خىل تەمدىكى ياڭاق مېغىزىدىن باشقا، يېقىندا ئۇ يەنە قايماقلىق ياڭاق مېغىزىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى ھەم ئۇچتۇرپاننىڭ ياڭاق مېغىزى بىلەن نوقۇتنى ئارىلاشتۇرۇپ پىششىقلاپ ياڭاق سوقمىقى ياساشنى سىناق قىلدى.

«ئىلىدىكى بىر شىركەت قايماقنى ئەۋەتكەندىن كېيىن، بىز قايماقلىق ياڭاق مېغىزى ياساشنى سىناق قىلىشقا باشلىدۇق، ئامال قىلىپ ھەم ھېچقانداق چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى قاتماي، ھەم ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلدۇق.» جۇ جىفۇ مۇنداق دېدى: «ياڭاق يېغى ھامىلىدار ئاياللار ۋە بوۋاقلارنىڭ يېيىشىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ، بىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان مەھسۇلاتلار چوقۇم ئىچكىرى رايونلاردا بازار تاپىدۇ».

قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ كۆپەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، جىنشاۋ مېۋىچىلىك شىركىتى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تاشلىۋېتىلگەن ياڭاق شاكىلىدىن كاربون ياساپ، ياڭاق يېغىدىن ياڭاق فوسفاتىنى ئېلىپ، ياڭاق يېغى دۇغىنى پىرەنىك ۋە ياڭاق پاراشوكىغا ئايلاندۇرىدىكەن... گۈزەل ئەتىنى ئويلىغاندا، مەيلى چۈجوۋ شەھىرىدىن كەلگەن باشقۇرغۇچى خادىملار بولسۇن، ياكى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى يەرلىكتىن ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار بولسۇن، ئۇلارنىڭ قەلبى گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ بىلەن تولغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى