تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

غايە - ئېتىقادنىڭ قەتئىيلىكى ئىدىيە، نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىك، قەتئىيلىكتىن كېلىدۇ. ھەقىقەتنى تونۇش، ھەقىقەتنى ئىگىلەش، ھەقىقەتكە ئېتىقاد قىلىش، ھەقىقەتنى قوغداش قەتئىي غايە - ئېتىقادنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

«ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش»، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش» تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلىشى، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشىدا مۇھىم، زور يېتەكچىلىك رولغا ئىگە.

«دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا تەربىيەلەشتىنمۇ چوڭ ئىش يوق.» ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ئالدى بىلەن ئىدىيە، نەزەرىيە جەھەتتىكى ئىلغارلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتىكى، ئىلمىي نەزەرىيە توغرا ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، غايە - ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي روھى، مەنىۋى جەھەتتە «كالتسىي كەم بولۇش» بارلىق ئىدىيە جەھەتتىن غۇلاشنىڭ مەنبەسى. پارتىيە ئىچىدە تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ تۈپ سەۋەبى غايە - ئېتىقادتىكى تەۋرىنىش، ئەسلىي مەقسەت، ئېتىقادتىن ئېزىپ كېتىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئاساسنى پۇختىلاپ روھ يېتىلدۈرۈش، قەلب، روھنى مۇجەسسەملەشتىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. «ئالماستەك يىمىرىلمەس تەن»نى تاۋلاپ چىقىشتا جەزمەن ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، مەنىۋى يۇرت - ماكانىمىزنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش كېرەك.

نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، 21 - ئەسىردىكى ماركسىزم پارتىيە ۋە دۆلەت ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش ۋە تۈزۈم بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشقا ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، كۆز قاراش، ئۇسۇلنى ئۆزلەشتۈرۈشكە، سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيە قورالدىن پايدىلىنىشنى ئىگىلەشكە تەشكىللىدۇق، يېتەكلىدۇق. بىز غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى پارتىيەنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەنى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»دىن كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغىچە كېڭەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلاردىن دائىم پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ ئىدىيەسىگە قونغان چاڭ - توزانلارنى قېقىۋېتىشنى، سىياسىي روھىنى ئۈزلۈكسىز تازىلاشنى تەلەپ قىلدۇق. ماركسىزمنىڭ يېتەكچى ئورنىدا پۇختا چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق ئالدىدا دادىل كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ چىرىتىشىدىن قەتئىي مۇداپىئەلەندۇق. بىز ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، نەزەرىيە جەھەتتىكى قەتئىيلىك، سەگەكلىك ئىدىيە، سىياسىيدىكى قەتئىيلىك، سەگەكلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئىلمىي نەزەرىيە غايە - ئېتىقادتىكى قەتئىيلىكنىڭ ئاساسى. پەقەت ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن پارتىيە باشتىن - ئاخىر بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، قەتئىي ئىرادە، كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقنى ساقلىيالايدۇ. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەربىيەنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق روياپقا چىقىرىش غايە - ئېتىقادىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە بىزنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مول ئەمەلىيىتىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە جاپالىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش داۋامىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقىمىز ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

«قورام تاشنى پارچىلىغىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاتتىقلىقىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، گىلنى ئۇۋىتىپ تالقان قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىزىل رەڭگىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ». ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەت بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ھەقىقەت بىلەن غايىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەقىقەت بىلەن ئېتىقادىمىزنى چىڭىتساقلا، بىز غايە نۇرى بىلەن كۈرەش يولىمىزنى يورۇتالايمىز، ئېتىقاد كۈچى بىلەن گۈزەل كەلگۈسىمىزنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى