تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىپ قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 12دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، 2019-2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئاممىۋىي قىشلىق تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئالتاي ئۆزگىچە مەيدانىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى ئالتاي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ پائالىيەتتە قار پوتبولى، قار موتوسىكلىتى، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش قاتارلىقلاردىن ھوزۇرلانغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە 15-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتاي بېيجىڭ كابىن لوڭقىسى قەدىمىي ئۇسلۇبتا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى، ئالتاي ۋىلايىتى 5-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى، ئالتاي ۋىلايىتى 5-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ دالىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى، ئالتاي ۋىلايىتى 5-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قار-مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق بىر قاتار ئېسىل پائالىيەتلەردىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، «300 مىليون كىشىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە 2019-2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئاممىۋىي قىشلىق تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي مەيدانىنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكوۋ شەھىرى ۋە شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىدە ئۆزگىچە مەيدانىنى تەسىس قىلغان. بۇ شىنجاڭنىڭ ئاممىۋىي قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار-مۇز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي»، «جۇڭگو قار شەھىرى ئالتاي»، «پاكىز تۇپراق قاناس، قار شەھىرى ئالتاي»نىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى، داڭقى، تەسىر كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، ئالتاي ۋىلايىتىنى دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلى ۋە دۇنيا دەرىجىلىك قار-مۇز تەنھەرىكىتى مەنزىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى