تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار ياغىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت خې يۈتىڭ) بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ. شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزىدا سەككىز بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەنلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئەتىگەندە ئازراق قار ياغىدۇ، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃5-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11- بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ. قاردىن كېيىن يوللار تېيىلغاق، سىرتقا چىققاندا قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى، ئىشقا بارغاندا ئۆيدىن بالدۇرراق چىقىپ، ئامال بار ئاممىۋى قاتناشقا ئولتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بۈگۈن 7~8 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G3015 لىنىيەسىبەڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگۇغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى كونا شامال ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي دېڭىز شامىلى رايونى بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G30 ،G312 لىنىيەلىرىنىڭ داۋانچىڭدىن داخىيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لىياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى