تۇەن-چاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ گۈزەل مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، بايرامدىن ئىلگىرى خۇشال-خۇرام، ئىناق كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 7-كۈنى «مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم» بىڭتۇەن گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 50-تۇەنىدىن ھال سوراش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، 11 سەنئەتكار نەق مەيداندا چۇنليەن، «بەخت» خېتى تەقدىم قىلىپ، قويۇق چاغان پۇرىقى ۋە بەخت تىلەكلىرىنى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە بىڭتۇەن گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى تۇەن-چاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىغا 300 پارچىدىن ئارتۇق دۈيليەن، بەخت خېتى سوۋغا قىلىپ، بۇ تۇەندىكى ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
«学习强国» سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى