تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن شىنجاڭدا 400دىن كۆپرەك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئارقىلىق چاغان تەبرىكلىنىدۇ

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى بازاردا پانۇس سېتىۋالماقتا. چاغان يېتىپ كېلەي دېدى، كۇچا شەھىرىنىڭ ھەممىلا يېرى قويۇق چاغان پۇرىقىغا تولدى.

(نىياز راخمان فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، كاتتا چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بايرام مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى 400دىن كۆپرەك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىدىكەن.

بۇ يىلقى چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن ساياھەت پائالىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن، مەسىلەن: «شىنجاڭ ياخشى جاي» − 7 - نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدا چاغاننى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىلى مىللىي ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، سايرام كۆلى 4 - نۆۋەتلىك «قار - مۇزنىڭ سېھرىي كۈچى كۆك مۇزلۇقتا ئۇچرىشىش» قار - مۇز ساياھىتى پەسلى، قاغىلىق ناھىيەسى سىتيەم شەھىرى مەنزىرە رايونى مىللىي ئۆرپ - ئادەت ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتى قاتارلىقلاردا مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى، قار - مۇز مەدەنىيىتى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ بايراملىق پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈلىدىكەن.

ھەرقايسى جايلاردىكى كۇتۇپخانا، مۇزېي، سەنئەت يۇرتى - ئۆمەكلىرى بىر يۈرۈش باش تېما كۆرگەزمىسى، كۆرگەزمە - ئويۇن ھەمتۈرتكە بولۇش، مىللىي ئۆرپ - ئادەت پائالىيىتى، كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئاممىۋى خاراكتېرلىك بايرام مەدەنىيىتى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا «تەتقىقات - ئۆگىنىش دەرسلىكى − مەن كۇتۇپخانىدا قائىدە - يوسۇن ئۆگىنىمەن»نى ئۇيۇشتۇرىدىكەن؛ قۇتۇبى ناھىيەلىك مۇزېي «قاشتېشى چاشقان چاغاننى كۈتۈۋالسا باھار يېتىپ كېلىدۇ، مۇزېيدا چاغان ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتىنى يولغا قويىدىكەن؛ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق كىلاسسىك تىياتىرنى ئورۇنلايدىكەن؛ كۈيتۈن شەھەرلىك كۇتۇپخانا «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى لېكسىيەسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن شەكلى كۆپ خىل مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدىكەن ھەم ئىشىك بېلىتىدە ئېتىبار بېرىدىكەن. تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى «چاغاننىڭ 3 - كۈنى قار - مۇزلۇقتا پىيادە مېڭىپ چوڭ ھالقىش» پائالىيىتىنى يولغا قويىدىكەن؛ قورغاس ناھىيەسى يىپەك يولى نۇڭساڭيۈەن مەنزىرە رايونى «7 - نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدا چاغاننى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىلى مىللىي ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى − يىپەك يولى نۇڭساڭيۈەن چىراغ كۆرگەزمىسى»نى ئۆتكۈزىدىكەن، 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلىدىكەن، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىشىك بېلىتى ھەقسىز بولىدىكەن؛ قۇمقاناس مەنزىرە رايونى «قۇمقاناس ئىپتىدائىي يىلى»نى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدىكەن؛ قاناس مەنزىرە رايونى يىراق قەدىمكى زامان تېرە قار تېيىلىش يولى، ئالتاي تېغىدىكى ئوۋچىلارنى ئىز قوغلاش قاتارلىق يېڭىچە قار - مۇز ساياھىتى پائالىيىتىنى يولغا قويىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى