شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، «بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى ۋە مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى» خاتىرە پوچتا ماركىسى بېيجىڭدا تۇنجى تارقىتىلدى. «بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى ۋە مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى» خاتىرە پوچتا ماركىسى بىر يۈرۈشتە ئىككى تال بولۇپ، پوچتا ماركىسىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى، بېيجىڭ 2022-يىللىق مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسىنىڭ سۈرىتى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو پوچتىسى يەنە تۇنجى كۈن كونۋېرتى، پۈكلىمە پوچتا ماركىسى، پوچتا ماركىسى ئالبومى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پوچتا بۇيۇملىرىنى چىقاردى. (لى خې فوتوسى)
«بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى ۋە مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى» خاتىرە پوچتا ماركىسى بېيجىڭدا تۇنجى تارقىتىلدى
مۇھەررىر :
زۆھرە تۇرسۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/01/17 21:41
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.