تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئەتىگەن ۋە كەچتە ئالىقان بىلەن تاپاننى تاراپ بەرگەندە، بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلىغىلى بولىدۇ

    چاچ تاراشنىڭ ساقلىقنى ساقلاش رولى بارلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىدە يەنە ئىككى تەبىئىي كۈتۈنۈش «تۇپرىقى» بار، بۇلار دەل ئالىقان بىلەن تاپان. جۇڭيى تېبابىتىدە، ئادەم بەدىنىدىكى 12 تومۇرنىڭ باشلىنىشى ياكى ئاخىرقى ئۇچى قول ۋە پۇتقا يىغىلغان بولىدۇ، ئالىقان ۋە تاپاننى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە تومۇرلار راۋانلىشىپ، ئىچكى ئەزا مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر ھەمدە قۇۋۋەتنى تەڭشەپ پۈتۈن بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلىغىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
    بىرىنچى، مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرنى تەڭشەيدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە، ھەرقانداق كېسەللىك ئادەم بەدىنىدىكى مۇئەننەس بىلەن مۇزەككەر تەڭپۇڭسىزلاشقانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. كېسەللىك ئورگانىزىمغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، قان قۇۋۋىتى كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلماقچى بولغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇئەننەس بىلەن مۇزەككەرنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، قان قۇۋۋىتىنىڭ ئۆرلەپ، تۆۋەنلىشى، تەڭپۇڭلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، بىر تۈرلۈك پاتولوگىيە ئۆزگىرىشى كېلىپ چىقىدۇ. ئالىقان ۋە تاپاننى ئۇۋۇلاش ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەش، مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ.
    ئىككىنچى، جىڭلولارنى جانلاندۇرىدۇ. جىڭلو ئادەم بەدىنىدىكى قاننى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان، بەدەننىڭ ئىچى-سىرتىنى، پۇت-قوللارنى تۇتاشتۇرىدىغان سىستېمىدىن ئىبارەت. ئەگەر جىڭلودا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولسا، تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئىچكى ئەزا كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن قول تەييىن ئۆپكە تومۇرى راۋان بولمىسا، تومۇر كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ، بۇ كېسەللىك باش ئاغرىش، قىزىش، بەدەن سوۋۇپ تەرلىمەسلىك، دېمى سىقىلىش، باش ئاغرىش، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ؛ يەنە بىرسى، ئىچكى ئەزا كېسەللىكى بولۇپ، يۆتەل، زىققا، نەپەس تېزلىشىش، كېكىردەك ئىششىپ ئاغرىش، كىچىك تەرەت كۆپ كېلىش، ئىچى سۈرۈش، ئالىقان قىزىش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر  بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. نۇرغۇن كېسەللىك تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا، جىڭلولار راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئالىقان ۋە تاپاننى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق جىڭلولارنى راۋانلاشتۇرغىلى، بوغۇملارنى سىلىقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
    ئۈچىنچى، قاننى جانلاندۇرىدۇ. قاننى ھەيدەشنىڭ ئۇسۇلى ئەپچىللىك بىلەن ئۇۋۇلاپ، جىڭلولارنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، فىزىيولوگىيەلىك ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئادەم بەدىنىدىكى قاننى تولدۇرىدۇ ھەم راۋانلاشتۇرىدۇ. قان بىلەن يەلنىڭ ئايلىنىشى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، يەل بولسا قانمۇ راۋان بولىدۇ، قان ئۇيۇپ قالسا يەلمۇ تۇرۇپ قالىدۇ. ئالىقان بىلەن تاپاننى ئۇۋۇلاش قاننى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۈچ جەھەتتىكى رولى ئارقىلىق قاننى جانلاندۇرۇپ ئۇيۇغان قاننى ئېرىتىدۇ. بىرىنچىسى، ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قان ۋە يەلنىڭ ئايلنىشىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچىسى، مۈچە (پۇت-قول) توقۇلمىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچىسى، مۈچە(پۇت-قول) بوغۇمىنى پاسسىپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھەرىكەت ئارقىلىق قاننى ھەيدەش، قاننى ھەرىكەتلەندۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
    كونكىرېت مەشغۇلات ئۇسۇلى: تاغاقنىڭ دۈمبە قىسمى بىلەن ئالىقان ۋە تاپاننىڭ ئوڭ-سول تەرىپى ۋەپۇت ئالىقىنىنى قىزىغۇچە سۈرتۈش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاغاقنىڭ تۇتقۇچى بىلەن ئالىقان بىلەن تاپاننىڭ ئاغرىقنى تېز سېزىدىغان قىسمىنى 20 قېتىمدىن بېسىپ بېرىش.
    ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەتىگەن ۋە كەچتە بەدەننى ئويغىتىدىغان ۋە ئىچكى ئەزالارنى ئارام ئالدۇرىدىغان ۋاقىت، يۇقىرىقى ئۇسۇلنى ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن ئىشلەپ بەرسە ئەڭ مۇۋاپىق.


خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى