تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«ئالتۇن قۇم-كۈمۈش قار . جەلپكار قورغاس» قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پاتىمە خەۋىرى، فوتوسى): 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى 2-نۆۋەتلىك «ئالتۇن قۇم-كۈمۈش قار . جەلپكار قورغاس» قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى قورغاس ناھىيەسى تۇكەي قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا باشلاندى، ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنى، ئاپتوموبىل دالا مۇسابىقىسى، قۇملۇقتا قار تېيىلىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق تۈرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئورۇندىلىپ، ساياھەتچىلەرگە قورغاس رايونىنىڭ مەدەنىيەت، ئادىمىيەت ئۆرپ-ئادىتى ۋە قار-مۇز سېھرىي كۈچىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى.

   بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، مودا ئېلېمېنتلار بىلەن قار-مۇز ئاساسىي تېمىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىل دالا مۇسابىقىسى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بويىچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش، قۇملۇق قار ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، قورغاس مەززىلىك تائاملىرى قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئالاھىدە تۈر تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان قار-مۇز زىياپىتى بەردى.

   ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسىنىڭ نەق مەيدانىدا، ئاپتوموبىل موتورىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ۋە نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ مەدەت بەرگەن ئاۋازى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ، جىمجىت قۇملۇقنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 150 دالا ئاپتوموبىلى ھەۋەسكارى بىر مەيدان ماھارەت كۆرسىتىپ، سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات ئىچىدە كۈچ سىناشتى.

   بۇ قېتىمقى قار-مۇز مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىدا يەنە 100 مېتىردىن ئارتۇق يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمە سۇپىسى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆپكە-ھېسىپ، قېزا، كاۋاپ، مانتا، پولۇ قاتارلىق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك-ئىچمەكلەر مىڭغا يېقىن ساياھەتچىگە كاتتا زىياپەت بەردى. يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىدا ئۆزگىچە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، قۇرۇتۇلغان كالا، قوي گۆشلىرى، قۇرۇت، قېتىق قاتارلىق نەچچە 100 خىل ئالاھىدە مەھسۇلات ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

   بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت پائالىيىتى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە، تۇكەي قۇملۇقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاپتوموبىل دالا مۇسابىقىسى، قار-مۇز تۈرىنى ھېس قىلىش ۋە سۈرەتكە ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدىن باشقا، يەنە جۇڭخۇا فۇشوۋشەن تېغى، ياۋمو تېغى قار تېيىلىش مەيدانى، يىپەك يولى ئۈجمە باغچىسى، لۇساۋگۇ بەيگە مەيدانى قاتارلىق جايلاردا قارلىق دالا پۇتبول مۇسابىقىسى، قار ئۈستى ئات بەيگىسى، قار ئۈستى قىزىقارلىق تۈرلىرى، ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

   2019-يىلى قورغاس ناھىيەسى «چېگرا بوستانلىقى. شېئىرىي سۈرەتتكى ئىلى» خەلقئارا ساياھەت جىلغىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلەر ئېقىم مىقدارى، ساياھەت كىرىمى ۋە ساياھەتنىڭ ياخشى باھا دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. بۇ قېتىمقى قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق قار-مۇز مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە، قورغاس ناھىيەسى تۇكەي قۇملۇق مەنزىرە رايونى، كۈرە قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ناھىيە، شەھەرلەردىكى ساياھەتچىلەرگە كىرىش بېلىتىدە % 50 ئېتىبار بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى