تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى خەۋىرى، فوتوسى) «بالىلار، <福> خېتىنىڭ ھېكايىسىنى بىلەمسىلەر؟» 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىداچاۋ دەۋر مەيدانى 4-قەۋەتتىكى كىتاب بوشلۇقى كىتابخانىسى باشقىچە قىزىپ كەتكەن ئىدى، خىزمەتچى خادىملار 30-40 بالىغا ئۆرپ-ئادەت توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى جانلىق قىلىپ سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.
چاغان كېلىش ئالدىدا، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، تىيانشان رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى كىتاب بوشلۇقىدا يەتتە كۈنلۈك «ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى باشلىدى، ھەر كۈنى سائەت 15تىن سائەت 19غىچە شەھەر ئاھالىلىرىگە دېرىزە قەغەز قىيمىچىلىقى، تاڭخۇا سىزىش، ساپال سەنئىتى، چۈنليەن يېزىش، خېمىر يۇغۇرۇش قاتارلىق چاغانلىق ئۆرپ-ئادەتلەر نامايان قىلىنىدۇ.
1-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 16دە، قەغەز قىيمىچىلىقى، ھۆسنخەت، چاغانلىق ئۆرپ-ئادەت ھىكايىلىرى قاتارلىق بۆلەك رايونلارغا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار كەلدى. «<福> خېتىنى يازغاندا، قول تىترەپ كەتسە بولمايدۇ، يېزىۋاتقاندا چوقۇم مۇقىم ھالەتتە بولۇشى كېرەك...» ھۆسنىخەت رايونىدا، خەتتاتلار <福> خېتىنى يېزىپ، بالىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن ھۆسنخەت ماھارىتى ئۆگەتتى.
«مەنمۇ يېزىپ باقاي». 11 ياشلىق ۋېن شىيۈ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ھۆسنخەت ماھارىتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن <福> خېتىنى يازدى، «چاغان كېلىش ئالدىدا، ئاتا-ئانامغا بەخت تىلەيمەن، ئۇلارنىڭ ساغلام، خۇشال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئۆرپ-ئادەت ھېكايە بۆلەك رايونىدا، چۈشەندۈرگۈچىلەر «چاغانىڭ كېلىش مەنبەسى» قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپچىلىككە «پوجاڭزا ئېتىش»، «چۈنليەن چاپلاش» قاتارلىق ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، نەق مەيداننى قويۇق چاغان كەيپىياتىغا تولدۇردى.
«چاغانلىق ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپلا قالماي، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرغىلى بولىدۇ، ناھايىتى مەنىلىك» دېدى بالىسىنى پائالىيەتكە قاتناشتۇرغان شەھەر ئاھالىسى بەي چۈنلىڭ.