تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سانجى شەھىرى قار-مۇز ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ساياھەتچىلەر قار-مۇزدىكى قايناق ھېسسىياتنى ھېس قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ 16-نۆۋەتلىك قار-مۇز ساياھەت بايرىمى سانجى شەھىرى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، قار تېيىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر قار-مۇزدىكى قايناق ھېسسىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

  شۇ كۈنى، نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا سەككىز قوي سويۇلۇپ، ئۈچ چوڭ قازاندا قوي گۆشى پىشۇرۇلدى. «تەمى بەك مەززىلىك ئىكەن! بايا تېخى توڭلاپ كەتكەن ئىدىم، بىر قاچا قوي گۆشى شورپىسىنى ئىچىپ، بەدىنىم دەرھال ئىسسىدى» دېدى ساياھەتچى ۋۇ شىخۇا.

  نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانى 2016-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئالتە قار يولى ياسىلىپ، تۆت قار يولى ئېچىۋېتىلدى، «ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى قار تېيىلغىلى كېلىدىغانلار 500-600گە، ھەپتە ئاخىرىدا 700-800گە يېتىدۇ» دېدى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانى قار تېيىلىش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ليۇ ياڭ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرى قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، «سانجى شەھىرى ئۆزگىچە تەبىئىي ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، رايون ئەۋزەللىكى، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى ۋە ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقىنى پائال قېزىپ ‹ساياھەت +› نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بەلگىلىك كۆلەم ۋە ئاساس ھازىرلىدى، نۇرجا، ئاشىلى يېزىسى، بىڭخۇ دەرياسى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى قىشلىق ساياھەت يىغىلىش-تارقىلىش نۇقتىسى شەكىللەندى، شۇنداقلا مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ماھارەت تەنتەربىيەسى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى بىلەن بىللە يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىپ، ھەم ئۆزگىچە قار-مۇز مەدەنىيىتى، قىشلىق ساياھەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردى ھەم گۈزەل شەھەر ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، سانجى شەھىرى ساياھەتچىلىكىدە «ئاۋات پەسىلدە تېخىمۇ ئاۋات بولۇش، سۇس پەسىلدە سۇس بولماسلىق»تىن ئىبارەت تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى سانجى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ خۇڭيەن.

  ئىگىلىنىشىچە، سانجى شەھىرى يەنە «قىشتكى سانجىنىڭ جەزبىسى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزىدىكەن. ئاممىۋى قار تېيىلىش مۇسابىقىسى، كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى، قىزىقارلىق قار-مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، «تۇغقىنمنى قار تېيىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن»، «كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش، قار مەيدانىغا بېرىش» قاتارلىق ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ يىللىق يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى