تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ئاقتاش يېزىسى چاغاننى كۈتۈۋېلىش بويىچە يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر قېيۇم قادىر خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ئاقتاش يېزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي چاغاننى كۈتۈۋېلىش، يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىياتنى ئورتاق يارىتىش» باش تېمىسىدا دېھقانلار چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى، قار ئۈستى قىزىقارلىق تەنھەرىكىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، چاغاننى خۇشال كۈتۈۋالدى.

تاشۇي كەنتى، چارۋىچىلىق فېرمىسى كەنتى، كۇمېنزى كەنتى قاتارلىق بەش كەنتتىن كەلگەن دېھقانلار ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتى ناخشا-ئۇسسۇل، كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى، دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېڭى يېزا، يېڭى قىياپەت، يېڭى تۇرمۇشقا بولغان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە پۈتۈن يېزا خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەدھىيەلىدى.

قومۇل گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى