تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

13-شى «چۇنليەن سوۋغا قىلىش، چەكسىز بەخت سوۋغا قىلىش» مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈزش پائالىيىتىنى باشلىدى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر داڭ ۋېنچېڭ خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، 13-شى خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى چۈەنشىن مەھەللىسى شاد-خۇراملىققا چۆمدى، 13-شىدىكى نۇرغۇنلىغان خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى بۇ يەرگە كېلىپ، نەق مەيداندا قەلەم تەۋرىتىپ، چۇنليەن ۋە بەخت خېتى يېزىپ، نەق مەيداندىكى ئاممىغا سوۋغا قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 13-شىنىڭ «چۇنليەن سوۋغا قىلىش، چەكسىز بەخت سوۋغا قىلىش» مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى باشلانغان بولۇپ، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. بۇ مەزگىلدە 13-شى خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرىنى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى، قىزىل يۇلتۇز 1-مەيدانى، قىزىل يۇلتۇز 2-مەيدانى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا «چۇنليەن سوۋغا قىلىش، چەكسىز بەخت سوۋغا قىلىش» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

شۇ كۈندىكى پائالىيەتتە، خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى يازغان چۇنليەنلەرنىڭ مەزمۇنى مول، نەپىس، ئاممىباب بولدى، چۇنليەنلەر ئارقىلىق ئەنئەنىۋى چاغانغا بولغان گۈزەل تىلەكلەر ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىخچام يېزىقلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىندى، بۇلار كەڭ ئاھالىلەر ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى