تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ليۇ شياڭ ئاياللار 50 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى ھەمدە ئاسىيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى

1-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، 2020-يىللىق خەلقئارا سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسى سۇ ئۈزۈش چېمپىيونلىرى يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىنىڭ شېنجېن بېكىتى مۇسابىقىسى ئىككىنچى مۇسابىقە كۈنىگە قەدەم قويدى. ھەممىدىن ئاۋۋال مۇسابىقىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ماھىر ليۇ شياڭنىڭ نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇردى، ئۇ ئاياللار 50 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە 24 سېكۇنت 4 دەقىقىلىك نەتىجىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بۇ نەتىجە ئۇ ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاسىيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى.

ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەر 400 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، سۈن ياڭ 3 مىنۇت 44 سېكۇنت 7 دەقىقىلىك نەتىجىدە چېمپىيون بولدى.

بۇنىڭدىن سىرت، شۈ جيايۈ 24 سېكۇنت 63 دەقىقىلىك نەتىجىدە ئەرلەر 50 مېتىرغا ئوڭدىسىغا ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى. ياڭ شۈنشۈەن 1 مىنۇت 55 سېكۇنت 52 دەقىقىلىك نەتىجىدە ئاياللار 100 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە چېمپىيون بولدى. ئاياللار 100 مېتىرغا ئوڭدىسىغا ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە، داڭلىق ماھىر بو يۈەنخۇي 1 مىنۇت 0 سېكۇنت 17 دەقىقىلىك نەتىجىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. يۈ جىڭياۋ ئاياللار 100 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە 1 مىنۇت 7 سېكۇنت 59 دەقىقىلىك نەتىجىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. يې شېۋېن ئاياللار 200 مېتىرغا شەخس بويىچە ئارىلاش ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە، 2 مىنۇت 12 سېكۇنت 35 دەقىقىلىك نەتىجىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى