تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار ياغىدۇ، تېمپېراتۇرا سەل ئۆرلەيدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت خې يۈتىڭ) بۇ ھەپتىدە شىنجاڭغا تۆت قېتىم سوغۇق ئېقىمى كىرىدۇ، ئىككى قېتىملىقى كىرىپ بولدى، يەنە ئىككى قېتىملىقى كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ جەرياندا سوغۇق ئېقىم ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ، ئاساسلىقى قار ياغىدۇ.

بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، تېمپېراتۇرا سەل ئۆرلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئازراق قار ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃7-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدىكەن. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، چاغانلىق مال سېتىۋېلىش يۇقىرى دولقۇنى كۈتۈرۈلدى، يوللار تېيىلغاق، سەپەرگە چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىمىز.

بۈگۈن ئازراق قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم تاشيول لىنىيە بويلىرى، بولۇپمۇ G30 ،G312 لىنىيەسى لۇساۋگۇدىن كەڭسايغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، G3015 لىنىيەسى چۆچەكتىن دۆربىلجىنگىچە بولغان بۆلىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى