تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالتە خەتتات 120 مىنۇتتا 100 دىن ئارتۇق «بەخت» خېتىنى يېزىپ بەخت تىلىدى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى شىنجاڭ خەۋەرلىرى، 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى (خې يوڭشيەن، ۋاڭ چاۋ خەۋىرى): «دادا قارىغىنە، مەندە بەخت بار بولدى، مەندە بەخت بار بولدى.......» 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى T2 ئاۋىياتسىيە بىناسى پورتتىن چىقىش زالىنىڭ شەرق تەرىپىدە، بىر كىچىك دوست شىنجاڭلىق خەتتات نەق مەيداندا يېزىپ بەرگەن «بەخت» خېتىنى كۆتۈرگىنىچە، ئەتراپنى ئوراپ تۇرغان يولوچىلار ئارىسىدىن قىستىلىپ چىقتى، ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ھەممەيلەننىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغانىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتى شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان «قەلەم-سىياھ ھىدى ئارقىلىق چاغاننى كۈتۈۋېلىش، ھاياجان ئىلكىدە سەپەرگە چىقىپ، ئۆيىگە قايتىش» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى چاغانلىق بېغىشلىما يېزىپ بەخت تىلەش پائالىيىتى 2020-يىللىق چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدىكى يۈرۈشلۈك چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەن.

  جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى فاڭ، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ ساڭ، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن بوياڭ، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن شۈجۈن، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى سۈن تاۋ، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتى جۇەنشۇچە ئويما خەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ ۋېشېڭ قاتارلىق ئالتە داڭلىق خەتتات نەق مەيدانغا كېلىپ قەلەملىرىنى سەيلانە قىلدۇرۇپ ھۆسنخەت يازدى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتى ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لياۋ يوڭچىڭ ۋە شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان خادىملارنى باشقۇرۇش بۆلۈمىدىن تيەن تەيمىنمۇ تەكلىپ بويىچە نەق مەيدانغا كېلىپ پائالىيەتكە قاتناشتى، خەتتاتلار ئىككى سائەتكە يېقىن ۋاقىتتا شۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەن يولۇچىلارغا 100 دىن ئارتۇق نەزمە ۋە «بەخت» خېتىنى ھەدىيە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى