تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جاۋ شىنمىن: ئۆلۈمدىن قورقسام ساقچى بولمايتتىم!

جاۋ شىنمىننىڭ سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ بىڭ) ھەر يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ۋە چىڭمىڭدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمېن ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى «قەھرىمانلار، قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ياد ئېتىش، قەھرىمانلار، قۇربانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش» باش تېمىسىدىكى قەھرىمانلار، قۇربانلارنى خاتىرىلەش قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، بەدىنىگە بومبا تېڭىۋالغان قارا نىيەت بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا شەرەپلىك قۇربان بولغان 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، شىمېن ساقچىخانىسىنىڭ سابىق جياۋداۋيۈەنى جاۋ شىنمىننى ياد ئېتىدۇ.

جاۋ شىنمىن، 1956 - يىلى 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تۇغۇلغان، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋېنشۇي ناھىيەسىدىن. ئۇ 1976 - يىلى 11 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، 1990 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ھايات چېغىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان شۆبە ئىدارىسى شىمېن ساقچىخانىسىنىڭ جياۋداۋيۈەنى بولۇپ، 2 - دەرىجىلىك يېتەكچى ساقچىلىق ساقچى ئۇنۋانى ئالغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان 26 يىلدا، جاۋ شىنمىن ئىش ئورنىغا سادىق بولۇپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، باشلامچى بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم جىنايى ئىشلار دېلوسىنى پاش قىلىشقا قاتناشقان، ئۈرۈمچىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. 1976 - يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۇ كۆپ قېتىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن ھەم شەرەپ بىلەن بىر قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

1994 - يىلىنىڭ بېشىدا، جاۋ شىنمىن ئەترەتنى باشلاپ، بىر جىنايەتچى ئۇنسۇرنى تۇتۇشقا ئاتلانغان. ئەينى چاغدا ئەھۋال جىددىي بولۇپ، خەلق ساقچىلىرى ئوق ئۆتمەس كىيىمنى يېتەرلىك ئېلىۋالمىغاچقا، جاۋ شىنمىن ئوق ئۆتمەس كىيىمىنى زورلاپ سەپدىشىگە كىيگۈزۈپ قويغان، ئارقىدىن خەتەرگە قارىماي، باشلامچىلىق بىلەن قارا نىيەتنىڭ ئۇۋىسىغا بۆسۈپ كىرگەن.

جىنايەتچى ئۇنسۇرلار ئالدىدا، جاۋ شىنمىننىڭ «جىگەرلىك» دېگەن نامى چىققانىدى. ئىلگىرى ئۇ تۇتۇۋالغان جىنايەت گۇماندارى ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ: «پەخەس بول، ھامان بىر كۈنى ئۆچ ئالىمەن.» دېگەندە، جاۋ شىنمىن قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «مەنمۇ ساڭا دەپ قوياي، ئۆلۈمدىن قورقسام ساقچى بولمايتتىم!»

2002 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 11لەردە، بىر قارا نىيەت بەدىنىگە بومبا تېڭىۋېلىپ، كىشىلەر ئېقىمى مەركەزلەشكەن قايناق شەھەر رايونىدا ۋەقە سادىر قىلىشقا ئۇرۇنغان. دېلو قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋ شىنمىن خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. ئۇچىغا چىققان ياۋۇز قارا نىيەت ئالدىدا، ئۇ قەتئىي قورقماي، سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرغان.

ئاچقۇچلۇق پەيتتە، جاۋ شىنمىن پىداكارلىق بىلەن قارا نىيەتنىڭ يولىنى توسقان، قارا نىيەت توساتتىن پارتلاتقۇچنى پارتلاتقان. شۇ كۈنى سائەت 14تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋ شىنمىن يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن پۈتۈن كۈچ بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

جاۋ شىنمىن ھاياتى ئارقىلىق خەلق ساقچىلىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەنگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇش، قانۇنغا سادىق بولۇش قەسىمىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى. 2002 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جاۋ شىنمىنغا مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى «1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ نام بەردى؛ 2002 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ئۇنىڭغا «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بەردى؛ 2002 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بەردى.

شىمېن ساقچىخانىسىنىڭ جياۋداۋيۈەنى جاڭ لياڭ مۇنداق دېدى: جاۋ شىنمىننىڭ شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇشتەك قەھرىمانلىق روھى ۋە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلقنى كۆزلەيدىغان ھېسسىياتى، تۈركۈم - تۈركۈم سەپداشلارنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى