شىنخۇا تورى خەۋىرى:1-ئاينىڭ 14-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجوۋ شەھىرىدىكى چۈجياڭ سودا شەھەرچىسىدە چاغانلىق بېزەكلەرنى سېتىۋالدى.
چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جايلاردىكى چاغانلىق مال بازارلىرى قىزىپ كەتتى، كىشىلەر بەس-بەستە قىزىل رەڭلىك بېزەكلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆيىگە قويۇق چاغان تۈسى قوشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (مېڭ دېلۇڭ فوتوسى)
1-ئاينىڭ 14-كۈنى، كىشىلەر شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرىگە قاراشلىق چىڭجۇۋ شەھىرىدىكى بىر چاغانلىق مال بازىرىدىن قىزىل پانۇسلارنى سېتىۋالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ جىلىن فوتوسى)
1-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى نەنجىڭدىكى بىر سودا سارايدىن چاغانلىق بېزەك بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سۇ ياڭ فوتوسى)
1-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فۇياڭ شەھىرىدىكى بىر سودا سارايدىن چاغاندا ئاسىدىغان بېزەك بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ بياۋ فوتوسى)
1-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھىرىگە قاراشلىق رۇگاۋ شەھىرى سودا بازىرىدا چاغانلىق بېزەك بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋۇ شۇجيەن فوتوسى)
1-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەيبېي شەھىرى جيۇشىڭ چاغانلىق ماللار بازىرىدا چۇنليەن، پانۇس، جۇڭگو چىگىچىنى تاللاپ سېتىۋالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لى شىن فوتوسى)