تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئونسۇ ناھىيەسى: ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات مايسىسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

تىيانشان تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتات بازىسىدا ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات مايسىسى سېتىۋېلىشقا تەشكىللىدى.

قەھرىتان سوغۇق مەزگىلىدە، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىغا جايلاشقان ئاقسۇ يىخوڭ دېھقانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆكتات بازىسى ئىنتايىن ئىللىق بولۇپ، كۆكتات مايسىسىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

بۇ بازا ھەر قايسى يېزا-بازارلارنىڭ كۆكتات مايسىسى زاكاز تالونىغا ئاساسەن، بۇلتۇر 11-ئاينىڭ بېشىدا قوياش نۇرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكلاردا لازا، شوخلا، چەيزە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات مايسىسىدىن 2 مىليون تۈپ يېتىشتۈرگەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆكتات مايسىلىرى يېقىندا دېھقانلارنىڭ كۆچۈرۈپ تېرىشى ئۈچۈن تەمىنلەندى.

                                                     (ماقالىنى شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن يەن شوۋلىن تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جەڭ
  • دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك
  • 【ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى】 مېۋە-چېۋە ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش