تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن چۈنشياڭ خەۋىرى) ئىلگىرى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى قالايمىقان تاشلاش ئادەتكە ئايلانغان بولسا، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ھازىر بىر خىل يېڭى «مودا» بولۇپ قالدى. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن، بۇ قېتىم ئىشىك ئالدىڭىزدىكى بىر خىل رەڭلىك ئەخلەت ساندۇقى تۆت خىل رەڭلىككە ئۆزگىرىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئالدىن سىناق قىلىنىدىغان تۆت شەھەرنىڭ بىرى، نۆۋەتتە ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  1-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى(شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ لۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى «قانۇنچىللىقنى ئاساس قىلىش، شەھەر ئاھالىلىرى قاتنىشىش، شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش»تىن ئىبارەت ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش خىزمەت مېخانىزىمى ئاساسىي رامكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار، مەكتەپلەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى مەجبۇرىي تۈرگە ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان. 2019-يىلى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 220 ئولتۇراق رايونىدا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۆپەيتىشكە، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنىڭ كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان ئەندىزىسى شەكىللەنگەن.

  بۇ يىل «ئۈرۈمچىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشنى تۆت جەھەتتىن باشلاپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.

  بىرىنچى، تۈرگە ئايرىپ يىغىش. تۈرگە ئايرىش ئەخلەت ساندۇقى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئۆيىنى سېتىۋېلىش ۋە سەپلەشنى تاماملاپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش- يىغىش ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇق قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئىككىنچى، تۈرگە ئايرىپ يۆتكەش. ئاشخانا قالدۇق ئەخلەتلىرىنى توشۇش ئاپتوموبىلىنى سەپلەش تاماملىنىدۇ. ئاشخانا قالدۇق ئەخلەتلىرىنى بىرىنچى دەرىجىلىك ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك يۆتكەپ توشۇش پونكىتى ئەسلىھەلىرى ئەلالاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلىدۇ ياكى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ.

  ئۈچىنچى، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش. ئورگانىك ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەيدانى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشخانا قالدۇق ئەخلەتلىرى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  تۆتىنچى، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى. ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولۇق قاپلاش ئاساسىدا، بەلگىلەنگەن ئۆلچەم سىستېمىسى، ئاساسنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆلچەمگە يەتكەننى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەشكىللەش ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقۇرۇش كومىتېتى(كوچا باشقارمىسى)نى بىرلىك قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ يىل ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى مەجبۇرىي تۈرگە ئايرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىدە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئادىتى تەدرىجىي يېتىلدۈرۈلىدۇ. تۈرگە ئايرىپ تارقىتىش، تۈرگە ئايرىپ يىغىش، تۈرگە ئايرىپ توشۇش، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشتەك تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى