تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئىككى خىل گۈلەمبىر گۈلى تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا بايقالدى

  2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، ياڭ زۇڭزۇڭ (سولدا) بىلەن ھەمراھلىرى ما مىڭ (ئوڭدا)، چى جيەنسەي ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا بايقىغان ئۆسۈملۈك تۈرى ئەۋرىشكىسىنى كۆرسەتمەكتە.

      شىنجاڭ ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر خەزىنىسىگە يەنە يېڭى ئەزا قوشۇلدى.

      شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ چۈنخۇا خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەل ئىچى ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرگە ئايرىش ئىلمى تەتقىقاتچىسى ياڭ زۇڭزۇڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىشخانىسىدا بىر خەۋەر ئۇ ۋە ھەمراھلىرىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرۇۋەتتى، پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك ئىلمى كەسپىي ژۇرنىلى «ئۆسۈملۈك تەتقىقاتى» يېقىندا ئۇلارنىڭ دالىدا ئەۋرىشكە توپلاۋاتقاندا تاسادىپىي بايقىغان ئىككى خىل گۈلەمبىر گۈلىنى ئېلان قىلماقچى بولغانىدى.

  2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، ياڭ زۇڭزۇڭ ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرىنى رەتلىمەكتە. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى.

  ياڭ زۇڭزۇڭ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرگە ئايرىش ئىلمىدىكى ئالىم ۋاڭ ۋېنسەي ئەپەندىنىڭ باھالىشىچە، بۇ ئىككى خىل گۈلەمبىر گۈلى دۇنيادا تېخى خاتىرىلەنمىگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا بايقالغان. بىز بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرگە <موڭغۇلكۈرە گۈلەمبىر گۈلى> دەپ نام بەردۇق.»

  ئاكادېمىك ۋاڭ ۋېنسەي مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ بولسىمۇ، ئۆسۈملۈك تۈرلىرى كۆپ ئەمەس. 2011-يىلى نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ ئۆسۈملۈك تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 3875 خىل ياۋايى ئۆسۈملۈك بار ئىكەن. يېڭى تۈرنىڭ بايقىلىشى شىنجاڭنىڭ ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر خەزىنىسىنى بېيىتىپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگونىڭ ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر خەزىنىسىگىمۇ يېڭى ئەزا قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېخىمۇ ئىلمىي ئانالىز ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىز بۇ يېڭى تۈرنىڭ قىممىتىنى بېكىتەلەيمىز، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر ئۆسۈملۈك تۈرىنى قوغداش ۋە مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشقا ئاساس سالالايمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى