تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ «چاغانلىق بەخت تىلىكى»: قولدا يېزىلغان 335 پارچە چۈنلىيەن ئاساسىي قاتلامغا سوۋغا قىلىندى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «چاغانلىق بەخت تىلىكى» پائالىيىتى بويىجەي مېيىپلار ھۆسنخەت ۋە رەسىم باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىرىدىن كەلگەن 28 مېيىپ خەتتات ۋە خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى يېڭى يىلغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرى ھەققىدە بىرلىكتە قەلەم تەۋرەتتى.

بۇ قېتىمقى «چاغانلىق بەخت تىلەش» پائالىيىتىگە سۈن بىن، فاڭ جياڭزېڭ، نى جىشىن، ۋاڭ جىنفېڭ، يۈ دېشۈيدىن ئىبارەت بەش نەپەر مېيىپ سەنئەتكار قاتناشقان، ئۇلار شىنجاڭ مېيىپلەر ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، مېيىپلەر مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىكى سەنئەتكارلار بولۇپ، بەش سەنئەتكار يەنە ئەتراپىدىكى دوستلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرىنى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى، چۈنلىيەن ئارقىلىق چاغانلىق بەخت تىلىدى.

شىنجاڭ مېيىپلەر ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، مېيىپلەر مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ مەسئۇلى ما شىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 28 نەپەر مىيىپ سەنئەتكار ۋە خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىرلا ۋاقىتتا چۈنلىيەن يازغان، ئۇلار بىر كۈندە 335 پارچە چۈنليەننى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ تۈركۈمگە بۆلۈپ سوۋغا قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى