تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت ئاھالىلىرى ئىشىك ئالدىدىلا «ساياھەت تامىقى» يېيەلىدى

قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسى داراسكال كەنتى ساياھەت كىچىك بازىرى بەرپا قىلدى −

كەنت ئاھالىلىرى ئىشىك ئالدىدىلا «ساياھەت تامىقى» يېيەلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

رەتلىك، پاكىز ئاسفالت يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە، كاۋاپخانا، كىيىم - كېچەك دۇكىنى، ناۋايخانا، قاشتاش دۇكىنى، قۇرۇق مېۋە دۇكىنى، تۈرلۈك ماللار دۇكىنى بىر - بىرىگە يانداشقان بولۇپ، 113 دۇكان قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. قەھرىتان قىشتىكى قەمەرىيە ئېيى گەرچە ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلى بولمىسىمۇ، لېكىن قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ ئىككى كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان قاشتاش كىچىك بازىرى يەنىلا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

قاشتاش كىچىك بازىرى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسى داراسكال كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆيلەر، رەتلىك، پاكىز يېزا - كەنت يوللىرى، رەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى... چىرايلىق مەپە ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ بۇ يەرنى سەيلە قىلدۇرىدۇ، قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مېھرىبان قېيۇم كۆز ئالدىدىكى بۇ يېپيېڭى مەنزىرىدىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «يېرىم يىل ئۆيگە قايتمىسام، يۇرتۇمدا بۇنداق زور ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ئىلگىرى ساۋاقداشلىرىم بىلەن يىغىلىشساق ناھىيەگە باراتتۇق، ھازىر مەن ساۋاقداشلىرىمنى كەنتكە يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن».

قاراقاش ناھىيەسى ماڭلاي يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، جاھانباغ يېزىسىنىڭ داراسكال كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى يۈەن سۇڭرېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2019 - يىلى كەنت «ھويلا - ئاران قىياپىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»نى نىشان قىلىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلىغان، بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولغان.

«كەنتىمىز ناھىيە بازىرىغا بىرقەدەر يېقىن، ئەتراپتا يەنە ۋوگزال، يولۇچىلار بېكىتى بار، يولۇچى ئېقىمى كۆپ. بىز بۇ ئەۋزەللىككە تايىنىپ كەنتتە ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستېمال بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال كىچىك بازار بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى <ساياھەت تامىقى> يېيەلەيدىغان قىلدۇق.» يۈەن سۇڭرېن مۇنداق دېدى: ھازىر، قاشتاش كىچىك بازىرىدا جەمئىي 113 دۇكان بار، 200 نەچچە ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق».

قاشتاش كىچىك بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى يېنىدىكى بىر كاۋاپخانىغا كىرگىنىمدە، مەززىلىك پۇراق دىماققا ئۇرۇلدى، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلغانىدى. «ھازىر ئۆزۈمنىڭ دۇكىنى بار، كەنتتىلا پۇل تاپالايمەن.» داراسكال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان شاكىرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى كاۋاپخانا خوجايىنى بولۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەن. چۈنكى ئائىلىسىنىڭ يېرى بولمىغاچقا، ئابدۇراخمان ئىلگىرى خوتۇنى بىلەن ناھىيە بازىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلاتتىكەن.

كەنتتە ساياھەت كىچىك بازىرى قۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئابدۇراخمان كەنتكە قايتىپ كاۋاپخانا ئېچىشنى قارار قىلدى. «كەنت گۈزەللەشتى، ساياھەتچىلەر كەلدى، بۇنىڭ بىلەن چوقۇم تاماق يېيىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ.» دەرۋەقە، ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولدى، 2019 - يىلى 10 - ئايدا، ئابدۇراخماننىڭ كاۋاپخانىسى تىجارەت باشلاپلا كۈندە خېرىدار بىلەن لىق تولدى، تىجارەت باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدىلا، كىچىك دۇكان 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

قاشتاش كىچىك بازىرىدا، ئابدۇراخمانغا ئوخشاش «ساياھەت تامىقى» يەيدىغان كەنت ئاھالىلىرى ئاز ئەمەس. مۇخبىر كەنت ئاھالىسى ئارزىگۈل توختىنىڭ ئون كىۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان كىچىك دۇكىنىنىڭ خېرىدار بىلەن لىق تولغانلىقىنى كۆردى، ئۇ خېرىدارلارغا كىيىم تاللاپ بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «كەنتتە كىيىم - كېچەك دۇكىنى ئاز، شۇڭا مېنىڭ سودام بىرقەدەر ياخشى» دېدى ئارزىگۈل ئالدىراشچىلىق ئىچىدە مۇخبىرغا.

دۇكان ئېچىشتىن بۇرۇن، ئارزىگۈل قاراقاش ناھىيە بازىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، ئايلىق كىرىمى 1500 يۈەن بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۈچ بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايتتى. «كەنتنىڭ گۈزەللەشكەنلىكىنى، پاكىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، مەن قايتىپ كېلىپ كىيىم - كېچەك دۇكىنى ئېچىشنى قارار قىلدىم، بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماي، يەنە پۇل تاپالىدىم. تىجارەت باشلىغان تۇنجى ئايدىكى كىرىمىم ئىلگىرىكى ئىككى ئايلىق مائاشىمدىنمۇ يۇقىرى بولدى» دېدى ئارزىگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

«بۇ يىل ئەتىيازدا، بىز 100 مو رەڭلىك شال تېرىشنى پىلانلىدۇق، يەنە ئۈچ مېۋە ئۈزۈش باغچىسىنى پىلانلىدۇق، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كىچىك بازارغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلماقچى، كەنت ئاھالىلىرى بۇ يىل تېخىمۇ ياخشى كىرىم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.» يۈەن سۇڭرېن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، كەنت يۇمشاق، قاتتىق ئەسلىھەلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى