تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

يى شاۋلىن: ھاياتى بەدىلىگە ساقچى روھىنى ئىزاھلاش

يى شاۋلىننىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇاڭ چىڭگاڭ) ئالداپ سېتىۋېتىلگەن قىزچاقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇ جەڭگە قاتنىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئۆلكە، رايون ئاتلاپ قۇتقۇزدى؛ ئەقلىنى يوقاتقان قارا نىيەت ئالدىدا، ئۇ خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھاياتى بەدىلىگە ساقچىلار روھىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزاھلىدى؛ 21 يىل ئۆتۈپ كەتتى، «مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، قىزچاقنى تېز بىخەتەر جايغا يۆتكەڭلار» دېگەن ئاشۇ سۆز ھازىرمۇ شۇ جايدا تارقىلىپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە، ئۇ دەل ئىنقىلابىي قۇربان يى شاۋلىن ئىدى.

يى شاۋلىن، 1953 - يىلى گۇاڭشىنىڭ تيەنئې ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1972 - يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە كىرگەن، 1982 - يىلى 12 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى تيەنئې ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شياڭياڭ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى، زەھەر چەكلەش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئىلگىرى بىر قېتىم شەرەپ بىلەن شەخسىي 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى قېتىم مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشكەن، يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بەش قېتىم تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن.

1991 - يىلى، تيەنئې ناھىيەسىدىكى جىنايەت گۇماندارى چېن x باسقۇنچىلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئىزچىل قېچىپ يۈرگەن. يى شاۋلىن جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، قوغلاپ تۇتۇشتىن باشتىن - ئاخىر ۋاز كەچمىگەن. 1998 - يىلى 8 - ئايدا، چېن xنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغان جايىنى بىلگەندىن كېيىن، يى شاۋلىن قوغلاپ تۇتۇش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، 40 كىلومېتىر تاغ يولىنى پىيادە بېسىپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە يوشۇرۇنۇۋالغان چېن xنى تۇتۇپ كەلگەن.

1996 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، يى شاۋلىن چېگرا سىرتىدىكى ئىككى زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ گۇاڭشىنىڭ پىڭشياڭغا ئوغرىلىقچە كىرىپ خىروئىن سودىسى قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە دەرھال كېچىلەپ پىڭشياڭغا بېرىپ، ۋوگزالدا ئۇدا ئىككى كېچە - كۈندۈز ساقلىغان. چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئىككى زەھەر ئەتكەسچىسى پەيدا بولغاندا، يى شاۋلىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىرىنچى بولۇپ ئېتىلىپ بېرىپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تۇتقان، 165 گىرام خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن. زەھەر چەكلەش ئەترىتىدىكى مەزگىلدە، يى شاۋلىن زەھەر دېلوسىدىن 18نى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىشنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان، ئون زەھەر ئەتكەسچىسىنى تۇتقان، 800 گىرامدىن ئارتۇق خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن.

1998 - يىلى، تيەنئې ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شۇ جايدىكى 16 ياشلىق قىزچاق ياڭ xنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنيى شەھىرىنىڭ چەت، تاغلىق كەنتىگە ئالداپ سېتىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان، يى شاۋلىن شىنيى شەھىرىنىڭ سىخې بازىرىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلغان. 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سەھەردە، قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى بىلەن شۇ جايدىكى ساقچىخانىنىڭ ئۈچ خەلق ساقچىسى جىنايەت گۇماندارى خې xنىڭ ئۆيىگە پىيادە بارغان، يى شاۋلىن ئالدىغا ئۆتۈپ نەسىھەت قىلغان، لېكىن خې xنىڭ پوزىتسىيەسى قوپال بولۇپ، نەسىھەتكە پەرۋا قىلمىغان.

ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەشنىڭ ئۈنۈمى بولمىغاچقا، زورلۇق بىلەن قۇتقۇزۇشقا مەجبۇر بولغان. يى شاۋلىن خې xنى بويسۇندۇرغان، نەق مەيداندىكى قالايمىقانچىلىقتا، خې x تىركىشىپ بوشىنىۋېلىپ، بىر تۆمۈر كالتەكنى ئېلىپ يى شاۋلىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغا قاراپ ئېتىلىپ كەلگەن. ئەڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بارغان يى شاۋلىننىڭ بېشىغا بەختكە قارشى تۆمۈر كالتەك تېگىپ، قان ئىچىگە يىقىلغان. يى شاۋلىن: «مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، قىزچاقنى تېز بىخەتەر جايغا يۆتكەڭلار» دېگەن. يارىسى ئېغىر بولغاچقا، يى شاۋلىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان يولدا بەختكە قارشى قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 45 ياشتا ئىدى.

يى شاۋلىن خەۋپ - خەتەر ئالدىدا قىلچە چېكىنمەي، ئىسسىق قېنى ئارقىلىق شانلىق ساقچىلار روھىنى ئىزاھلىدى، پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەنگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇش، قانۇنغا سادىق بولۇشتەك جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ئۇ ئالداپ سېتىۋېتىشكە زەربە بېرىش بويىچە 30 نەچچە دېلونى پاش قىلىشقا قوماندانلىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن 42 ئايالنى قۇتقۇزغان. 1998 - يىلى، يى شاۋلىنغا ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى؛ 1999 - يىلى، ئۇنىڭغا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى.

«يى شاۋلىن نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەيتتى، قەيەردە قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر بولسا، شۇ يەرگە ئېتىلىپ باراتتى، دېلو بېجىرگەندىكى ئاشۇ ئەستايىدىللىقىغا كۆپچىلىك بەك قايىل ئىدى.» پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم خەلق ساقچىسى خۇاڭ شىمىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەيلى زەھەر چەكلەش بولسۇن ياكى ئالداپ سېتىۋېتىشكە زەربە بېرىش بولسۇن، يى شاۋلىن ھەممىسىدە خىزمەتداشلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

يى شاۋلىن قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئىككى قىزى دادىسىنىڭ كۈچ ئۇلاش تاياقچىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا ئىرادە باغلاپ، ساقچى بولۇش يولىغا ماڭدى. «ئىلگىرى دادامنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەر قېتىملىق ھەرىكەتتە ھەمىشە ئەڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتىم. بىر خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئاخىر چۈشەندىم، جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپىنى تاللىغان ئىكەنمىز، بۇ، مەسئۇلىيەت ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشتىن دېرەك بېرىدۇ، ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ، دادام مەڭگۈ بىزنىڭ ئۈلگىمىز» دېدى يى شاۋلىننىڭ قىزى يى شيايۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى