تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

فۇ مىنچاۋ: يالغان پۇلغا زەربە بەرگەن باتۇر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ، 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇ گۇاڭخې، يەن خۇڭشىن) «ساقچى يولداش، مەن بىرەيلەننىڭ يالغان پۇل ئېلىپ سېتىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىمەن، ئورنى <ئاجىزەي> رېستورانىنىڭ 304 - ئايرىمخانىسىدا، سوممىسى 80 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ!»

ئەھۋال جىددىي ئىدى، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغان فۇ مىنچاۋ دەرھال قەتئىي قارارغا كېلىپ، ئالتە نەپەر سەپدىشىنى باشلاپ پۇقراچە كىيىنىپ نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى.

ھېچكىممۇ بۇنىڭ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق چارلاشقا چىقىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. 1998 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، فۇ مىنچاۋ قوشۇنغا قايتا قايتىپ كېلەلمىدى.

فۇ مىنچاۋ 1963 - يىلى تۇغۇلغان، 1986 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1980 - يىلى ئارمىيەگە قاتنىشىپ قىسىمغا كىرگەن، 1995 - يىلى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىغا كىرگەن. چارلاشقا چىققاندا، ئۇ چۈەنجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى فېڭزې شۆبە ئىدارىسى دۇڭخۇ جىنايى ئىشلار ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى، 2 - دەرىجىلىك مەسئۇل ساقچىلىق ساقچى ئۇنۋانىدا ئىدى.

شۇ كۈنى سائەت 15لەردە، سېتىۋالغۇچى قىياپىتىدە ياسىنىۋالغان ئىككى خەلق ساقچىسى «ئاجىزەي» رېستورانىنىڭ 304 - ئايرىمخانىسىدا جىنايەت گۇماندارى خۇاڭ موۋخۇا قاتارلىق ئۈچ ئادەم بىلەن ئۇچراشتى.

بىر مەھەل باھا تالىشىشتىن كېيىن، خۇاڭ موۋخۇا قېلىن بىر دۆۋە يالغان پۇلنى چىقىرىپ پۈتۈشۈشكە تەييارلاندى.

بېلىق قارماققا ئېلىندى، خەلق ساقچىسى بىنانىڭ ئاستىدا ساقلاۋاتقان فۇ مىنچاۋغا ھەرىكەت قىلىش سىگنالىنى بەردى، فۇ مىنچاۋ بىر سەپدىشى بىلەن دەرھال ئۈستىگە چىقتى، قالغان ئىككىيلەن جايىدا ساقلاپ ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرمەكچى بولدى.

ئۇلار پۇرسەتنى پەملەپ ئۆيگە بۆسۈپ كىردى، بىر خەلق ساقچىسى پەيتنى ئىگىلەپ خۇاڭ موۋخۇانى تۇتۇۋېلىپ، قولىنى قايرىپ ئۇنى يەرگە يىقىتتى، باشقا ئۈچ ئادەم بىرلىشىپ باشقا ئىككى گۇماندارغا كويزا سالدى، ئادەم، زاڭ مالنى تەڭ قولغا چۈشۈردى.

بۇ چاغدا، يەرگە بېسىلغان خۇاڭ موۋخۇا يەنىلا بويسۇنماي، تەلۋىلەرچە تىركەشتى، ئۇنىڭ چىرايىدىن ۋەھشىيلىك چىقىپ تۇراتتى، تۇيۇقسىز پىچاق چىقىرىپ، كۆز ئالدىدىكى خەلق ساقچىسىنىڭ كۆكرىكى، دۈمبىسى ۋە بىلىكىگە ئارقا - ئارقىدىن تۆت پىچاق تىقىۋەتتى، يارا ئېغىزىدىن شۇ زامان قان ئېقىپ چىقتى.

ئارقىدىن، خۇاڭ موۋخۇا يۇمۇلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كونتروللۇقىنى يوقاتقان يىرتقۇچ ھايۋاندەك پىچاقنى شىلتىپ خەلق ساقچىسىغا ئېتىلدى.

«ئېھتىيات قىل!» فۇ مىنچاۋ يۇقىرى ئاۋازدا سەپدىشىنى ئەسكەرتتى، بىر تەرەپتىن ئېگىلىپ قاتىلغا ئېتىلىپ، ئۇنى قايتا بويسۇندۇرماقچى بولدى.

بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ، پىچاق فۇ مىنچاۋنىڭ دۈمبىسىگە چوڭقۇر سانجىلدى. سەپدىشىنى زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قوغداش ئۈچۈن، فۇ مىنچاۋ قاتتىق ئاغرىققا چىداپ، خۇاڭ موۋخۇانىڭ بېلىدىن چىڭ قۇچاقلىۋالدى.

قېچىش يولى تاپالماي قالغان قارا نىيەت تەلۋىلەرچە ئۇنىڭ مۈرىسى ۋە پېشانىسىگە ئارقا - ئارقىدىن يەنە ئىككى پىچاق تىقىۋەتتى.

فۇ مىنچاۋنىڭ كۈچلۈك ئىسكەنجىگە ئېلىۋېلىشى بىلەن، باشقا بىرنەچچە خەلق ساقچىسى بىرلىشىپ خۇاڭ موۋخۇانىڭ قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋېلىپ، قارا نىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزگىنلىدى. بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە ئۈچ جىنايەت گۇماندارى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتۇلۇپ، نەق مەيداندا 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يالغان پۇل قولغا چۈشۈرۈلدى. پۈتۈن بەدىنى قانغا بويالغان فۇ مىنچاۋ قان ئىچىگە يىقىلدى.

قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى يول بويى ئۇچقاندەك مېڭىپ فۇ مىنچاۋنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ جىددىي قۇتقۇزدى. دۈمبە قىسمىغا سانجىلغان پىچاق يۈرىكىنى زەخىملەندۈرگەچكە، دوختۇر - سېسترالار فۇ مىنچاۋنىڭ ياش ھاياتىنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ قالالمىدى، ئۇ قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، شۇ يىلى 35 ياشتا ئىدى.

ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پەقەت خەلقنىڭ پايدا - مەنپەئىتىنى قوغدىدى، سەپداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى، خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۆز بەدىنى بىلەن قارا نىيەتنىڭ ئۆتكۈر پىچىقىنى توستى. ئۇنىڭ ھاياتى ئاقار يۇلتۇزدەك قىسقا، ئەمما كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر چاقناتتى.

1999 - يىلى فۇ مىنچاۋغا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى بويىچە 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، ئىنقىلابىي قۇربان، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى.

فۇ مىنچاۋ − كىشىلەر بۇ ئىسىمنى مەڭگۈ يادىدا ساقلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى