تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ۋۇ لياڭجۇ: ھاياتى بەدىلىگە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش «چوڭ توسمىسى»نى ياسىغان پولاتتەك جەڭچى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جيا چىلۇڭ

ئەنچىڭ شەھىرى ليەنخۇ باغچىسىدىكى كۆل بويىدا، «كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتىكى پولاتتەك جەڭچى» ۋۇ لياڭجۇنىڭ يېرىم بەدەن مىس ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ نەزەرى يىراق بولمىغان ۋەنجياڭ دەرياسىغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىكىلىپ تۇرىدۇ.

ۋۇ لياڭجۇ، ھايات ۋاقتىدا ئەنخۇي ئۆلكىلىك ھەربىي رايون ئەنچىڭ شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ شوپۇرى ئىدى. 1998 - يىلى ئۇ قىسىمغا ئەگىشىپ پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈنگە تاقابىل تۇردى. كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغاندىن تارتىپ ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغىچە بولغان 50 نەچچە كۈندە، ۋۇ لياڭجۇ ھاياتىدىكى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، پارتىيە يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچنى نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىر ھەربىينىڭ مۇقەددەس بۇرچىغا قاتتىق ئەمەل قىلدى، ئۇ باشتىن - ئاخىر ھاياتلا بولسا توختىماي كۈرەش قىلىشتەك پولاتتەك ئىرادىسى بىلەن كەلكۈن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ھاياتى ئارقىلىق ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ قۇربان بېرىشكە، ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىش مارشىنى پۈتۈپ چىقتى.

1998 - يىلى يازدا، چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونى 100 يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، ۋەنجياڭ دەرياسىنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى. 6 - ئايدا، ۋۇ لياڭجۇ جىددىي كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە قاتناشتى، ئاپتوموبىل ھەيدىدى، توسما ياسىدى، سۇ سىڭىپ كېتىشنى توسۇدى، قۇم خالتىسى يۈدۈدى... زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇ چوڭ توسمىدا ھوشىدىن كەتتى. 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قورسىقى توختىماي قاتتىق ئاغرىغان ۋۇ لياڭجۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىشقا جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. دوختۇرخانىدا ۋۇ لياڭجۇنىڭ قورسىقىنى ئوپېراتسىيە قىلغاندا، ئۇنىڭ جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقى بايقالدى، راك ھۈجەيرىلىرى تارقىلىپ كەتكەنىدى.

كېيىن ھەر دەرىجىلىك پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، كېسەل بىلەن 70 كۈن كۈرەش قىلغان ۋۇ لياڭجۇ ئاخىرىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى، ئۇ شۇ يىلى 26 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ كېسەل تۇرۇپمۇ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقانلىق ئىش ئىزلىرى ناھايىتى تېزلا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇب - شىمالىغا تارقالدى. كەڭ ئارمىيە، خەلق ۋۇ لياڭجۇنى ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ بەس - بەستە مەدھىيەلەپ، كەڭ كۆلەمدە قەھرىماندىن ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتى ئۇنىڭغا «ئەنخۇي ئۆلكىسى بويىچە مۇنەۋۋەر ياش» دەپ نام بەردى، ئەسلىدىكى نەنجىڭ ھەربىي رايونى پارتكومى ۋۇ لياڭجۇدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقاردى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئۇنىڭغا «كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتىكى پولاتتەك جەڭچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.

خۇددى تارىختىكى نۇرغۇن قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەرگە ئوخشاش، ۋۇ لياڭجۇنىڭ ھاياتى قىسقا بولسىمۇ، ئەمما نامى ئۆچمەس تارىخقا ئايلاندى: ئۇ كېسەل تېنى بىلەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىككى ئايغا يېقىن جەڭ قىلدى؛ يۇرتى ئېغىر سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىغان، ئاتا - ئانىسى ياشىنىپ قالغان، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق ئەھۋالدا، ئۇ تۆت قېتىم ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۆيىگە كىرمەي، يەنىلا كېچە - كۈندۈز كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش چوڭ توسمىسىنى چىڭ ساقلىدى. چوڭ توسمىدا كۆپ قېتىم ھوشىدىن كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ باشتىن - ئاخىر پولاتتەك ئىرادە ۋە قەتئىيلىك بىلەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇردى. ئۇنىڭ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان روھى بىر ھەربىينىڭ پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان تولۇپ - تاشقان ساداقىتىنى نامايان قىلدى.

«ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغان كۈنى ئائىلىسىنى ئۇنتۇيدۇ؛ مۇھىم پەيتتە تۇغقانلىرىنى ئۇنتۇيدۇ؛ دۇمباق چېلىنغاندا ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. ۋۇ لياڭجۇ دۆلەت مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئائىلىسىنى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ئەنە شۇنداق قەھرىمان» دېدى ئەنچىڭ شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ جېڭۋېيى گاۋ فېڭ.

زېمىن سۈكۈتكە چۆمدى، ۋەنجياڭ دەرياسى ئۇھ تارتتى. 26 يېشىدا ھاياتى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ۋۇ لياڭجۇنىڭ روھى ئەزەلدىن يوقىمىدى. قەھرىمان مەڭگۈلۈك كەتكەندىن كېيىن، ئەنچىڭدىكى ئارمىيە ۋە خەلق ئاڭلىق ھالدا تىرىشىپ «ۋۇ لياڭجۇ روھى»نىڭ ۋارىسلىرىدىن بولدى، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىم، مەكتەپلەر بەس - بەستە ۋۇ لياڭجۇنىڭ رەسىمىنى ئاستى؛ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىش ئۈچۈن، ۋاڭجياڭ ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت شۇ جايدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ نامىنى «ۋۇ لياڭجۇ باشلانغۇچ مەكتىپى»گە ئۆزگەرتتى؛ ھەر قېتىملىق مۇھىم، چوڭ بايراملاردا، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋە كەڭ ئامما ئەنچىڭ ليەنخۇ باغچىسىدىكى ۋۇ لياڭجۇنىڭ ھەيكىلى ئالدىغا بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، ئۆگىنىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى