تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تۈزۈم قۇرۇلۇشى تۈپ خاراكتېرگە، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىگە، مۇقىم خاراكتېرگە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك خاراكتېرگە ئىگە، تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر پارتىيەنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ئىشلىرىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىچكى تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى، تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىزنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزدىكى بىر مۇھىم سەۋەب − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرگەنلىكىدىن بولدى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە كۆزلىمە مەقسەتكە يېتىلدى، لېكىن ئامما تەربىيەنىڭ بىردەملىك شامال بولۇپ قېلىشى، يەر يۈزىنىلا نەمدىگەن يامغۇر بولۇپ قېلىشىدىن ئەڭ ئەندىشە قىلىدۇ، دائىملىق ھالەتنى ساقلاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدۇ. ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ ئىچكى تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي خىسلىتىنى قەتئىي بوشاشماي تاۋلاش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى. قائىدە - تۈزۈم تۇرغۇزۇشتا، ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئاددىي، ئەپچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەسىلىنىڭ ئەجەللىك يېرىگە دەل تەگكۈزۈش؛ ھەم نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەت تەلىپىنى قاندۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ ھەم يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، تۈزۈملەر بىلەن يۇغۇرۇپ تۇتاشتۇرۇپ، چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىدە چىڭ تۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئورنىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئورنىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىستېمىلىق تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، يېتەكچىلىك، قاراتمىلىق، مەشغۇلاتچانلىقنى گەۋدىلەندۈرگەندىلا، ئاندىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلغىلى بولىدۇ.

تۈزۈم رىئايە قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر جەزمەن تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمگە ئاڭلىق ھۆرمەت قىلىپ، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداپ، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشقا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تاللاپ قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش، يېرىم - ياتا قىلىش ئەھۋاللىرىنى قەتئىي توسۇپ، قاتتىق چەكلىمىنىڭ «رېزىنكە بوغقۇچ»قا، «ئۇزاق ئۈنۈملۈك»نىڭ «ئۈنۈمسىز»لىككە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. «يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا توپلانغان بىر قىممەتلىك تەجرىبە، رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار بۇ تەجرىبىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈزۈمگە رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، تۈزۈم ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق «مۇتلەق كۆپ سانلىقلار»نى يېتەكلىشى كېرەك.

تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىجرا قىلىشتا. پارتىيەنىڭ ئىچكى تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولساقلا، بىز چوقۇم پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى پۈتۈپ چىقالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى