تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توقسۇ ناھىيەسى مىڭجۇ مەيدانى كەچلىك بازىرى تىجارەت باشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ فەنشىڭ خەۋىرى، فوتوسى): «ۋاھ ! بۇ يەرنىڭ كاۋىپى بەك ئوخشاپتۇ، مەن بىر تىنىقتىلا بەش زىخ يېدىم، ئۆپكە-ھېسىپ، دورا-دەرمەككە چىلانغان كەپتەرمۇ شۇنداق مەزىلىككەن!» 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كەچتە، پانۇسلار ئېسىلىپ، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى مىڭجۇ مەيدانىنىڭ كەچلىك بازىرى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، بۇ ناھىيەنىڭ يېڭىشەھەر مەھەللە ئاھالىسى لى ئەپەندى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يەردە كەچلىك بازارنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ كۆردى. كەچلىك بازار ئېچىلغان كۈنى، سودىگەرلەر گۆش كاۋاپ، بېلىق كاۋىپى، ئۈچەي كاۋىپى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تائاملاردىن باشقا، يەنە كاۋاۋىچىن تەملىك توخۇ، سېسىق دۇفۇ، ئاچچىق-چۈچۈك چوڭ راك قاتارلىق ئېسىل تائاملارنى بازارغا سېلىپ، ھەر قايسى تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى.

  ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئېلىۋاتقان ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن توقسۇ ناھىيەسى مىڭجۇ مەيدانىنىڭ كەچلىك بازىرىدا رەسمىي تىجارەت باشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئالايىتەن ئۆيدىكىلەرنى باشلاپ ئاپتوموبىل بىلەن تامتوغراق يېزىسىدىن بۇ يەرنىڭ ئېسىل تائاملىرىنى تېتىپ باققىلى كەلدىم، كەچلىك بازاردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن، كەيپىياتمۇ شۇنداق ياخشى.»

    ئىگىلىنىشىچە، توقسۇ ناھىيەسى مىڭجۇ مەيدانىدىكى كەچلىك بازاردا 46 يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تاماق يېيىش نۇقتىسىغا بىرلا ۋاقىتتا 550 ئادەم سىغىدىكەن. توقسۇ ناھىيەسى مىڭجۇ مەيدانى كەچلىك بازىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جەڭ
  • دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك
  • 【ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى】 مېۋە-چېۋە ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش