تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا سانجى تارماق دوختۇرخانىسى قان نۆكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە قانات يايدۇردى

  «بۈگۈنكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى ئەمەلىي، تۇرمۇشقا يېقىن، ناھايىتى كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتىم. ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئۆزۈم ئىشلىتىپلا قالماي، ئائىلەمدىكىلەرگە، دوستلىرىمغا دەپ بېرىپ، ئۇلارنىمۇ مەنپەئەتلەندۈرىمەن...» دېدى شىنجاڭ تىببىي داشۆ قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا سانجى تارماق دوختۇرخانىسىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىر بىمار. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا سانجى تارماق دوختۇرخانىسى سۆڭەك 2-بۆلۈمىدىكى دوختۇر-سېستىرالار «قان نۆكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىز، مەن بىلەن بىللە» باش تېما قىلىنغان ساغلاملىق لېكسىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر قايسى بۆلۈملەردە ياتاقتا ياتقان بىمارلار ۋە سۆڭەك 2-بۆلۈمىدىن جەمئىي 20دىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىمقى لېكسىيەگە قاتناشتى.

  لېكسىيەدە سۆڭەك 2-بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى ما لەن بىمارلارغا ۋېنا قان نۆكچىسى كەپلەشمىسى كېسىلىنىڭ(VTE) ئالامەتلىرى، زىيىنى، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، قان ئۇيۇشقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قاتارلىق كۆپ مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئاددىي، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق بىمارلارنى قان نوكچىسى كېسەللىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە، قان نۆكچىسى كېسەللىكىنى تونۇشقا يېتەكلەپ، قان نۆكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈردى. ئارقىدىنل، سېستىرا جاڭ يۆيۆ بىلەن چىن شياۋيەن نەق مەيداندا پۇت ئايلانمىسىنى ئۆلچەش، ئوشۇق گىمناستىكىسى، ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان بىمارلار بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ھەمتۈرتكە بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ قان نۆكچىسى توغرىسىدىكى ھەر خىل سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىپ، بىر قەدەر ياخشى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈنۈمى ياراتتى.

                                                                                                                                                                                                         ئىختىيارىي مۇخبىر ما لەن خەۋىرى

  سانجى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچى: خەلققە قولايلىق بازار ئېچىلدى ئاھالىلەر كۆڭۈلدىكىدەك مال سېتىۋالدى
  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا تىجارەت باشلاندى!
  • «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى قوزغىتىلدى