تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

پامىر ساياھەت رايونى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋمى خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ چۈنلۇ، يەن شاڭسۇڭ فوتوسى): 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ پامىر ساياھەت رايونى قاتارلىق 22 ساياھەت رايونىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتتى.
    پامىر ساياھەت رايونىنىڭ پىلانلانغان ئومۇمىي كۆلىمى 3.1 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تاش شەھەر مەنزىرە رايونى، جىنساۋتەن، سەييۈەنرېن ئائىلىۋى پۇقراۋى قونالغۇ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، ساياھەت مال سېتىۋېلىش مەركىزىدىن ئىبارەت بەش چوڭ رايوندىن تەركىب تاپقان، 2015-يىلى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان، 2014-يىلى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى «خەلقئارا ئېگىزلىك ئۆرپ-ئادەت ساياھەت مەنزىلگاھى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ھازىر، بۇ مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، كىرىش بېلىتىگە رايون ئارا قاتنايدىغان ئاپتوموبىلنىڭ نورمال ھەققىنى قوشقاندا 100 يۈەن، ھازىرقى ئېتىبار باھا پەقەت 50 يۈەن. 

    ئىگىلىنىشىچە، ھازىر شىنجاڭ ساياھەت بازىرىدا پامىرنى چۆرىدىگەن ئىككى لىنىيە بار ئىكەن، بىرى، 13 ~ 12 كۈنلۈك پامىر چوڭ ئايلانما لىنىيەسى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، پۈتۈن مۇساپىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەيدىكەن، پامىر ساياھەت رايونىدىن باشقا يەنە لىنىيە بويىدىكى بەيشا كۆلى، قاراكۆل ۋە قەشقەر بويىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ يەنە بىرى 8 ~ 5 كۈنلۈك پامىردا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئايروپىلان بىلەن قەشقەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، دالا ئاپتوموبىلىنى ئۆزى ھەيدەپ پامىرغا ساياھەتكە بېرىشنى ئاساس قىلغاندىن  سىرت، يەنە تاسا قەدىمىي يولى ۋە پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنى ساياھەت قىلالايدىكەن.

    شىنجاڭ لېينياۋ ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى شۈ چۇنلۇ مۇنداق دېدى: «پامىردىن ئىبارەت بۇ لىنىيە تەخمىنەن 2016-يىلى ئېگىزلىكتىكى ئۆرۈك چېچىكىنى سەيلە قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان، ئەينى چاغدا بىز 20 چە ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، 2019-يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1000 دىن ئاشتى. بۇ لىنىيە ھەر يىلى بالدۇرلا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ، تەخمىنەن 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىدىغانلار كېلىشكە باشلايدۇ.»
    شىنجاڭ لىشې ئېكىسپىدىتسىيەسىنىڭ مەسئۇلى سۈن كېۋۇ 2019-يىلىدا پامىر لىنىيەسىدە ئەركىن ساياھەت قىلغانلىقىنى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

    شۈ چۈنلۇ مۇنداق دېدى:«يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا مەن ھەر يىلى پامىر ساياھەت رايونىغا بېرىپ، مەنزىرە رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىنى روشەن ھېس قىلدىم، مەنزىرە رايونىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىدىن باشقا، 2018-يىلىدىن باشلاپ كۆلەملەشكەن پۇقراۋى قونالغۇ، ھەقسىز ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتى نومۇرلىرى بار. پامىر ساياھەت رايونىنىڭ دەرىجىسى 5A دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەندىن، ھەر قايسى تەرەپلەردىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە يەنە 16 مەنزىرە رايون 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلتىماس قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە قارامايدىكى موگۇيچېڭ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، گۇچۇڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونى دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشتىكى كۈچەش باسقۇچىغا كىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى