تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ لۇبىن، جاڭ مېڭخەن، جوۋ فاچېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 1- ئاينىڭ 12- كۈنى سەھەردە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى، نۇرغۇن ساياھەتچى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش كۆلىگە كېلىپ، قىش پەسلىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى ھېس قىلىپ، قار-مۇزدىكى قايناق ھېسسىيات ۋە خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلاندى.
بالىلار قار ھەيكىلىدىن ھۇزۇرلىنىپ، مۇز ئۈستىدە موتوسىكلىت ھەيدەپ، سىيرىلما توپ ئويناشتى، كۆل ئۈستىدىكى بىر-بىرىدىن نەپىس، گۈزەل قار-مۇز ھەيكەللىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە قار-مۇز ھەيكەللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
قىشتا، باغراش كۆلى يۈزىدىكى مۇز قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، مول مەزمۇنلۇق قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە مۇز ئۈستىدىكى كەچۈرمىش ئېلىپ كەلدى، ئاتلىق چانا، ئىتلىق چانا، قاردا ھەيدىگىلى بولىدىغان موتوسىكلىت، مۇز ئۈستىدىكى پاراشوت، مۇز ئۈستىدىكى دۇمىلاتما توپ، مۇز ئۈستىدە بېلىق تۇتۇش، پىرقىرىغۇچ ئويناش، قار ئادەم ياساش قاتارلىق تۈرلەر ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.