تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز باقىتبېك جۇمادىل خەۋىرى، فوتوسى): 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى 2- نۆۋەتلىك «ئاق قۇ سۆيگۈسى» ئۆرۈك يۇرتى قار-مۇز مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى __ «ئات ئۈستىدىكى ئۆرپ-ئادەت» قىشلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى غۇلجا ناھىيەسى قۇلۇستاي كەنتىنىڭ شىمالىي تاغ باغرىدىكى تەبىئىي قار بەيگە مەيدانىدا باشلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرىدىن ئوغلاق تارتىشىش، قارلىق دالىدىكى ئات بەيگىسى، قىز قۇۋار، يەنە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان بۈركۈت ئوۋلاش مۇسابىقىسى، قارلىق دالىدا چېلىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق ئالتە مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىندى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە قويۇق يايلاق مەدەنىيىتى مىللىي ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى، ئات ئۈستىدە سىناق قىلىش، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تائاملار، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلدى.