تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يۈگۈرگەندىن كېيىن دەرھال ئولتۇرماڭ

  يۈگۈرۈش بەدەنگە ئىنتايىن پايدىلىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر دائىم يۈگۈرگەندىن كېيىن دەرھال ئولتۇرۇپ ئارام ئالىدۇ. بۇنداق قىلىش خاتا بولۇپ، سالامەتلىككە بەلگىلىك زىيان يەتكۈزۈشىمۇ مۇمكىن.

  بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى تەنتەربىيە ۋە بەدەن ساغلاملىقى مائارىپ مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ يىمىن مۇنداق دېدى: ئادەم يۈگۈرگەندە ئېغىرلىق كۈچى سەۋەبىدىن تۆۋەنكى مۈچىگە قان تولىدۇ، تۆۋەنكى مۈچە قاننى يۈرەككە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشتە ئاساسلىقى تۆۋەنكى مۈچە مۇسكۇل توپىنىڭ قىسقىرىشى ۋە كېڭىيىشىگە تايىنىپ، قان تومۇرنى سىقىپ، قاننى يۈرەككە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەگەر يۈگۈرگەندىن كېيىن دەرھال ئولتۇرۇپ ئارام ئالسا، تۆۋەنكى مۈچە مۇسكۇللىرى بوشىشىپ، سىقىش رولىنى يوقىتىدۇ، قان تۆۋەنكى مۈچىگە توپلىنىۋېلىپ، مېڭىگە ۋاقتىنچە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىرايى تاتىرىش، كالپۇكى كۆكىرىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھوشىدىن كېتىدۇ، بۇ مېدىتسىنادا «ئېغىرلىق كۈچىدىن بولغان شوك» دەپ ئاتىلىدۇ.

  قىسقىسى، يۈگۈرگەندىن كېيىن «ئېغىرلىق كۈچىدىن بولغان شوك» قاتارلىق ناچار ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەندىكى كېسلاتالىق ھاسىلاتنى چىقىرىۋېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: تېز يۈگۈرۈپ مەشىق قىلغۇچىلار يۈگۈرۈش ئاياغلاشقاندا يۈگۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئاستا يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى ھەمدە چوڭقۇر نەپەس ئېلىشى كېرەك. مەيلى تېز يۈگۈرگەن ياكى ئاستا يۈگۈرگەندە، يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پەي سوزۇشى كېرەك. مەسىلەن، پۇتنى سوزۇش: پۇتنى ئارقىغا ئېگىپ، پۇتنىڭ ئاستىنى يۇقىرىغا قارىتىپ، قول بىلەن پۇتنىڭ ئوشۇقىنى تۇتۇپ، ساغرا تەرەپكە يېقىنلاشتۇرۇپ، پۇتنىڭ ئالدى تەرىپى پەي سوزۇلغانلىقىنى ھېس قىلىش؛ پاقالچاقنى سوزۇش: پۇتنىڭ ئالقىنىنى ياردەمچى جىسىمغا قويۇپ، ياردەمچى جىسىمنى تايىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پۇتنىڭ ئۇچىنى ئىمكانقەدەر يۇقىرىغا قارىتىشى، تاپاننى يەرگە قارىتىشى، بەدەننى سەل ئالدىغا قىيسايتىپ، پاقالچاق پېيىنىڭ سوزۇلغانلىقىنى ھېس قىلىش كېرەك. سوزۇش ھەرىكىتىنى ئاز دېگەندە ئىككى گۇرۇپپا، ھەر بىر گۇرۇپپىدا تەخمىنەن 20 سېكۇنت ئىشلىشى كېرەك.    خەلق تورىدىن ئېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى