تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ قار تېيىلغىلى بېرىش

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شياۋ جېن بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى چىڭخې ۋوگزالىدا لىفىتقا ئولتۇرۇپ ۋوگزالغا كىرمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: شياۋ جېن بېيجىڭدىكى بىر ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، تۆت يىل ئىلگىرى قار تېيىلىشقا قىزىقىپ قېلىپ، دائىم دوستلىرى بىلەن بىللە خېبېي چوڭلىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىغا باراتتى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلگىرى چوڭلىغا بېرىپ قار تېيىلغاندا باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ياكى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، تۆت سائەتتىن بەش سائەتكىچە يول يۈرگەن. بىر قېتىم قايتىش سەپىرىدە قار يېغىپ، چوڭلىدىن بېيجىڭغا 11 سائەت يول يۈرگەن، چۈشتىن كېيىن يولغا چىقىپ، سەھەر سائەت ئۈچتىن ئاشقاندا ئاندىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىن چوڭلىغىچە بولغان ۋاقىت بىر سائەتكە قىسقارغان، شياۋجېن تۇنجى قېتىم يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ قار تېيىلىشقا بارغان. ئىلگىرى ئاپتوموبىل بىلەن بارغاندا دىيىشىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن بارغان، ھازىر يان تېلېفوننى ئېچىپ بېلەت سېتىۋېلىپ پويىزغا ئولتۇرغاندا، ۋاقىت ئەركىن، ئورۇن ئازادە، شياۋ جېن مۇنداق دېدى: «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى مېنىڭ قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ كۆپرەك مەشىق قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى بولۇشۇمغا قولايلىق ياراتتى». شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شياۋ جېن بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى چىڭخې بېكىتىدە بېلەت ئالغاندىن كېيىن بېكەتكە كىرىپ پويىزغا چىقىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شياۋ جېن بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى چىڭخې بېكىتىدە بېلەت سېتىش ماشىنىسىدىن بېلەت ئالماقتا.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شياۋ جېن(ئوتتۇرىدا) بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى چىڭخې بېكىتىدە بېلەت تەكشۈرۈتۈپ پويىزغا چىقماقتا.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شياۋ جېن(ئوتتۇرىدا) بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى چىڭخې بېكىتىدە بېلەت تەكشۈرۈتۈپ بېكەتكە كىرمەكتە.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شياۋ جېن (ئوڭ تەرەپ ئالدىدا) چاڭغا ۋە چاڭغا ھاسىسىنى ئېلىپ G8827 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شياۋ جېن (ئوڭ تەرەپ ئالدىدا) G8827 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ چىڭخې بېكىتىدىن تەيزىچېڭ بېكىتىگە قاراپ ماڭماقتا .

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شياۋ جېن خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرى چوڭلى رايونى ۋەنلوڭ قار تېيىلىش مەيدانىدا.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى تەيزىچېڭ بېكىتىگە يېتىپ كەلگەندىن كىيىن، شياۋ جېن (ئوتتۇرىدا) چاڭغا ۋە چاڭغا ھاسىسىنى ئېلىپ بېكەتتىن چىقماقتا.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى تەيزىچېڭ بېكىتىگە يېتىپ كەلگەندىن كىيىن، شياۋ جېن چاڭغا ۋە چاڭغا ھاسىسىنى ئېلىپ دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتماقتا.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى تەيزىچېڭ بېكىتىگە يېتىپ كەلگەندىن كىيىن، شياۋ جېن (ئوڭدا) چاڭغا ۋە چاڭغا ھاسىسىنى ئېلىپ دوستى بىلەن ئۇچراشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى