تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتى چاغاننى كۈتۈۋېلىش تىكتاك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز زېڭ پېڭ خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 11-، 12-كۈنلىرى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش يۈرۈشلۈك ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بولغان «سىلۇيوۋيۆ ساياھەت لوڭقىسى» تىكتاك توپ مۇسابىقىسى(چوڭلار گۇرۇپپىسى) ئاقسۇ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)، 1-شى ئارال شەھىرىدىن كەلگەن 88 تىكتاك توپ ھەۋەسكارى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىلىك مەركىزى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى تىكتاك توپ جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئاقسۇ شەھەرلىك سىلويويۆ ساياھەت چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان. مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار «دوستلۇق بىرىنچى، مۇسابىقە ئىككىنچى، توپ ئويناپ دوستلىشىش، ئۆز ئارا ماھارەت ئۆگىنىش»تىن ئىبارەت تەنتەربىيە روھىنى ئاساس قىلىپ، ئېسىل مۇسابىقىلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ۋە مەدھىيەگە ئېرىشتى.

  «بۇ قېتىمقى مۇسابىقە بىزگە ماھارەت كۆرسىتىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىزنى بېيىتتى. مەن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتىم، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم» دېدى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر جاڭ ۋېيلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى