تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«90-يىللاردا تۇغۇلغان» ئايروپىلان باشلىقى يېتەكچىسى قانداق تاۋلاندى

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۇچۇشتىن بۇرۇن، پېڭ يۆزو چاڭشا خۇاڭخۇا خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلاننىڭ شامال توسۇش ئەينىكىنى تازىلىماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: «90-يىللاردا تۇغۇلغان» پېڭ يۆزو 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خۇنەن شۆبە شىركىتىگە كىردى، بەش يىلدا ئايروپىلان باشلىقى بولدى، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆسۈپ ئايروپىلان باشلىقى يېتەكچسى بولدى، ھەر بىر باسقۇچ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلىرى ئىچىدىكى «ئەڭ ياش» لارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

2008–يىلى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلدى، پېڭ يۆزو ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئوڭۇشلۇق ھالدا جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار شۆيۈەنىگە كىرىپ ئوقۇدى، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆز ئارزۇسى بويىچە جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە قوبۇل قىلىندى. 2012-يىلى 8-ئايدا، پېڭ يۆزو تۇنجى قېتىم ياردەمچى ئۇچقۇچى سالاھىيىتى بىلەن ئايروپىلان ھەيدىدى، ئۇ شۇ چاغدا سەل جىددىيلەشكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇرۇن تەقلىدى ئايروپىلاندا مەشغۇلات قىلغان ئىدىم، ئەمما بۇ قېتىم ھەقىقىي ئاسماندا ئۇچتۇم». ئايروپىلان باشلىقى بولغاندىن كېيىن، 900 قېتىمدىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلاندا ئۇچۇپ، تۆت قېتىم چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىگە قاتناشقان پېڭ يۆزو: «يولۇچىلار ۋە جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى مېنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىمغا ئىشىنىدۇ، مەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمايمەن» دېدى.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى چاڭشادىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان CZ3141 نۆۋەتچى ئايروپىلان پېڭ يۆزونىڭ ئايروپىلان باشلىقى يېتەكچىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا تۇنجى قېتىم قاتنىشى بولۇپ، ئادەتتىكى ئۇچۇش مەشغۇلاتىنى كونترول قىلغاندىن باشقا، يەنە ياردەمچى ئۇچقۇچىغا «يېتەكچىلىك قىلىش» مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پېڭ يۆزو مۇنداق دەيدۇ: «ئايروپىلان باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولۇچىلارنىڭ قايتىشقا ئىنتىلىش كەيپىياتىنى چۈشىنىمەن، لېكىن مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم چوقۇم ۋە مەڭگۈ: بىخەتەر، رازى بولغان ھالدا يولغا چىقىش ۋە يېتىپ بېرىش.» شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چېن جېنخەي فوتوسى)

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، خۇنەن چاڭشادا، ئۇچۇشتىن بۇرۇن، پېڭ يۆزو ئاتا-ئانىسى ۋە قىزى بىلەن چۈشلۈك تاماق يېمەكتە.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، خۇنەن چاڭشادا، پېڭ يۆزو ئاپىسى ۋە قىزى بىلەن خوشلۇشۇپ ئايروپورتقا قاراپ ماڭدى.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۇچۇشتىن بۇرۇن، پېڭ يۆزو (سولدا) ئۇچۇش پىلانى تەمىنلىگۈچى (ئوتتۇرىدا) بىلەن چاڭشا خۇاڭخۇا خەلقئارا ئايروپورتىدا ئۇچۇش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، پېڭ يۆزو (ئوتتۇرىدا) جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خۇنەن ئايروپىلان ئۈستى خىزمىتى ھەمكارلىق رايونىدا ئايروپىلان خادىملىرى بىلەن ئۇچۇشتىن بۇرۇنقى ھەمكارلىق يىغىنى ئاچماقتا.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، پېڭ يۆزو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خۇنەن ئايروپىلان ئۈستى خىزمىتى ھەمكارلىق رايونى ئىچىدە ئىسپىرت تەكشۈرۈشىنى تاماملىماقتا.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۇچۇشتىن بۇرۇن، پېڭ يۆزو چاڭشا خۇاڭخۇا خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلان گەۋدىسىنى تەكشۈرمەكتە.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، چاڭشا خۇاڭخۇا خەلقئارا ئايروپورتىدا، ئۇچۇشتىن بۇرۇن، پېڭ يۆزو (سولدا) ياردەمچى ئۇچقۇچى دېڭ لىن بىلەن ھەيدەش بۆلمىسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى