تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 326 ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدا توردا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ۋاكالىتەن سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن خۇڭفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ يۈ خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ۋىلايەت بويىچە 477 ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 2019-يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدىن 53ى بار بولۇپ، تاماملانغان يىللىق نىشان %106 بولغان. ۋىلايەت بويىچە 367 ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتى ھەق تاپشۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، 326 ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتى توردا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ۋاكالىتەن سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توردا پارچە سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 808 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  2016-يىلى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزا-كەنتلەرگە كىرگۈزۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى، يېزا-كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى ناھايىتى تېزلا ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، ناھىيە بويىچە توققۇز يېزا-بازار دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى، 108 كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇلدى. بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش، تور سىرتىدا سىناش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نامرات ئاممىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ھالقىسىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى.

  2019-يىلىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى تەربىيەلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپكارلىرىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ۋە ماھارىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پۈتۈن بىر يىلدا ناھىيە، يېزا، كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپكارلىرىدىن 3000دىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى تەربىيەلىدى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى تېز يوللانمىلارنى كەنت دەرىجىلىك بېكەتلەرگە يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھازىرقى يېزا-كەنت دەرىجىلىك پوچتا تور نۇقتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتلىرىنى يېقىن ئەتراپتا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېز يوللانمىلارنى تاپشۇرۇۋېلىش، تارقىتىشقا قولايلىق يارىتىدۇ. پوچتا ئىشلىرىنى كەنت دەرىجىلىك تور نۇقتىلىرىنىڭ ئاخىرىقى ئۇچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پوچتا تېز يوللانمىلىرىنىڭ يېزىلارغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتلىرىدا تاماكا سېتىش، ئاز سوممىلىق پۇل ئېلىش، ئايروپىلان بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى پائال كۆپەيتىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى كۆزىتىش، ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز جايىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە داڭقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. تەربىيەلەش بايلىقىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، «سىرتقا چىقىرىش» بويىچە تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ۋە تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇتەخەسسىسلىرىنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپكارلىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى