تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پىراكتىكانت خې يۈتىڭ) سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، بۈگۈن(1-ئاينىڭ 14-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى قارلىق ھاۋا رايىنى كۈتۈۋالىدىكەن، قار يېغىش مىقدارى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن؛ شەرقىي شىنجاڭدا بۇلۇتلۇق ھاۋا رايى ئاساس سالماقنى ئىگىلەيدىكەن، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭ ئەمەس ئىكەن؛
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئازراق قار ياغىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃7-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12- بولىدىكەن، ئۈچ بال شامال چىقىدىكەن.
تاشيول جەھەتتە، G3016 لىنىيەسى، G217 لىنىيەسىنىڭ چورمىدىن بايىنغولىنغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ بوزىيادىن قونجىراپقىچە بولغان بۆلىكى، G315 لىنىيەسى غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق لىنىيە بويلىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا شىۋىرغان چىقىدىكەن.