تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خېبېي ۋۇچياڭ: كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى خەلقنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى

 1-ئاينىڭ 12- كۈنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇچياڭ ناھىيەسى دۇسۇن يېزىسى جاڭجۇاڭ كەنتى مۇلازىمەت پونكىتىدىكى خادىم ئاممىغا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ توپلاش تەمىناتىنىڭ يېڭى سىياسىتىنى تونۇشتۇرماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇچياڭ ناھىيەسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ناھىيە بويىچە يېزىلاردا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى غەم-ئەندىشىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كەنت دەرىجىلىك ئىدارە قىلىشنى «تېز ئاپتوموبىل يولى» غا كىرگۈزدى. ھازىرغا قەدەر، ناھىيە بويىچە 238 كەنتنىڭ ھەممىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن 12 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياۋگو فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك، بازار تەمىناتى تەرتىپلىك بولدى
  • خوتەنلىك 171 دېھقان ئىشلەمچى ھۆددە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، خۇنەندىكى ئىش ئورنىغا ئىشلەشكە ماڭدى
  • شىنجاڭدىكى كېسەللىكنى كونترول قىلغۇچىلار: بىز قومۇلدا، ۋىرۇسقا يوشۇرۇنغىدەك جاي قالدۇرمايمىز