بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لى جىشيەن خەۋىرى)؛ 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، 12-شى يۇغۇرما تاراتقۇلار مەركىزى ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ 12-شىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 12-شىنىڭ يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى گېزىت، تېلېۋىزىيە، ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق سۇپىلارنى ئاساس قىلىپ، تەشكىلىي ئاپپارات، تۈزۈلمە-مېخانىزم، مۇخبىرلىق-تەھرىرلىك تەرتىپى، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، گېزىت، ئېكران، مىكرو تاراتقۇ، تور، تېرمىنال قاتارلىق ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تولۇق تەرتىپىنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر قېتىمدا توپلاش، كۆپ مەنبەلىك ھاسىل قىلىش، كۆپ تەرەپلىك ئېلان قىلىش، پۈتۈن ۋاسىتىلىك تارقىتىش»تىن ئىبارەت يۇغۇرما تاراتقۇ تارقىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەكلى كۆپ خىل، ۋاسىتىسى ئىلغار زامانىۋى يۇغۇرما تاراتقۇنى بەرپا قىلغان.
« 12ـ شى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ۋىۋىسكا يوپۇقىنىڭ ئېچىلىشى ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت بازىسىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى بېكىتىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ» دېدى 12-شى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىېسسار ۋاڭ بىڭجۈ .
بىڭتۇەن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى