شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ھاسام بىن تارىق سەئىدكە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئومان سۇلتانلىقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سۇلتان بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئومان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلارغا ئايلاندى. مەن جۇڭگو - ئومان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سۇلتان ھاسام بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.