تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئومان سۇلتانى كابۇسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوماننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سۇلتانى ھاسامغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئومان سۇلتانى كابۇسنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوماننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سۇلتانى ھاسامغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن، سۇلتان كابۇسنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، سۇلتان كابۇسنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ئومان خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇلتان كابۇس ئوماننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئوماننىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئوتتۇرا شەرق، پارس قولتۇقى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئومان خەلقىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتىگە چوڭقۇر سازاۋەر بولغان. سۇلتان كابۇس جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگو - ئومان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو - ئومان دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - ئوماننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوقۇم يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.