تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرايلى

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

نەتىجە، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولغاندىلا، كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلەنگىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.» بۇ بىزدىن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

پۈتۈن پارتىيە بويىچە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش تېما تەربىيەسىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇردى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈپ ۋەزىپە، ئومۇمىي تەلەپ ۋە كونكرېت نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باش تېما تەربىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتە تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلدى؛ پارتىيەۋىلىك تەربىيەلىنىش جەھەتتە چېنىقىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈردى؛ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى؛ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتى؛ ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پاكلىق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى؛ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى. باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەجرىبە - نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ، ئامما ئەڭ تەققەززا بولۇۋاتقان، ئەڭ غەم قىلىۋاتقان، ئەڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ھېسسىياتىنى يەنىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايون «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئارقىلىق ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى سىناشتا چىڭ تۇردى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كۆرگىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ يېڭى ئارزۇسى، يېڭى تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى، كۆڭلى تېخىمۇ يېقىنلاشتى. بىز ئاممىنىڭ يېڭى ئارزۇسى بويىچە مەسىلىلەرنى «كۆزىتىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەسلىي مەقسەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى قوغداپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئالساقلا، مەڭگۈ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلەيمىز.

مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باشلىنىشىدىلا تۈزىتىپ، مەسىلىگە يۈزلىنىپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزەتكەندىلا، ئاندىن ئېرىشكەن نەتىجىلەرنىڭ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر كەڭ كۆلەمدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلۈپ، كەڭ كۆلەمدە تۈگىتىلىپ، مەسىلىلەر ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىنىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتۇرۇلدى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى پۇختىلاندى. دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، باتۇرلۇق بىلەن خاتالىقنى تۈزىتىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى، بىز پەقەت سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاش، چىرىگەن مۇسكۇلنى ئېلىۋېتىشتە دادىل بولۇپ، مەسىلىگە توغرا قاراش جاسارىتى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقىنىمىزدىلا، ئاندىن باشتىن - ئاخىر مەڭگۈ يېڭىلمەيدىغان، ئۆرۈلمەيدىغان ماركسىزملىق پارتىيە بولالايمىز.

پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئېغىر يۈكنى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالىغاندىلا، بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ئاندىن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان روھ بىلەن تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسىتىم ئۆزگەردىمۇ - يوق، بۇرچنى زىممەمگە ئالدىممۇ - يوق دەپ سوراپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىگە قانچە دۇچ كەلگەنسېرى شۇنچە دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە شۇنچە ئاتلىنىش كېرەك، بولۇپمۇ ھالقىلىق پەيتتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش كېرەك.

جاھاندىكى چوڭ ئىشلارنى كىتابىي بىلىمگە تايىنىپلا ئەمەس، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ھەل قىلىش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۈمەنلىگەن جاپا مۇشەققەتتىمۇ يەنىلا قەيسەر تۇرىدىغان، كۈرمىڭلىغان جاپا - مۇشەققەت، زەربىلەرگە باش ئەگمەيدىغان ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھنى ئۇرغۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە بېكىتىلگەن تۈزىتىش ۋەزىپىسى ۋە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى