تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىز شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز

خاڭدى كەنتى ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىگە ئۆزگەردى، كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق دېيىشتى −

بىز شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«تەبىئىي گاز ياخشى نەرسە ئىكەن!» كەنت ئاھالىسى قەمەرنىسا ئابدۇقادىر ئۆيىدىكى بۇ يېڭى «نەرسە»نى تىلغا ئالغاندا، چېھرىدە دەرھال كۈلكە جىلۋىلەندى.

1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پوسكام ناھىيەسىنىڭ سەيلى يېزىسى خاڭدى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ساۋ خۇڭجيەن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇنجان تۇرۇپ بىلەن بىللە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلدى، كەنت ئاھالىسى قەمەرنىسانىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇزۇن، سېرىق تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئۆينىڭ سىرتىدىن ئاشخانىغىچە تۇتاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆردى.

«ئىلگىرى شەھەرلىكلەرلا تەبىئىي گاز ئىشلىتەلەيتتى، بىزنىڭمۇ ئىشلىتەلەيدىغانلىقىمىزنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.» كۆڭلى تۈز، ئوچۇق گەپ قىلىدىغان قەمەرنىسا مۇنداق دېدى: «تەبىئىي گازدا تاماق ئەتكىلى بولۇپلا قالماي، قىشتا يەنە ئۆينى ئىسسىتقىلى بولىدىكەن، ئەڭ ياخشى يېرى ھەم ئەرزان، ھەم پاكىز ئىكەن.» قەمەرنىسانىڭ ئۆيىدە گاز ئوچاق كۆمۈر قالايدىغان مەشنىڭ ئورنىنى ئاپتۇ، يەنە سۇ ئىسسىتقۇچ ئورنىتىلىپ، ئۆز ئۆيىدىكى تازىلىق ئۆيىدىلا ئىسسىق سۇدا يۇيۇنالايدىغان بوپتۇ. «بۇرۇن قىش كۈنلىرى ئۆينىڭ ئىچى كۆمۈر ئىسى پۇراپ تۇراتتى، ئۆي ئىسلىنىپ قاپقارا بولۇپ كېتەتتى، ھازىر ئۆي پاكىز تۇرىدىغان بولدى».

ساۋ خۇڭجيەن بىلەن تۇرسۇنجاننىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ قەمەرنىسانىڭ قوشنىلىرى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ ئۇلار بىلەن سالاملاشتى.

«ئۆيدە سۇ، توك، گاز، ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار، بىز شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز. بىز پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر خۇشال بولۇپلا قالماي، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشال» قەمەرنىسا خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالغانىدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بولمىسا، كەنت ئاھالىلىرى بۇ ئۆمرىدە قانداقمۇ بۇنداق ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرالىسۇن، بۇنداق ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلىسۇن!» دېدى تۇرسۇنجان.

قەمەرنىسانى ئەڭ خۇشال قىلغىنى شۇكى، پۈتۈن كەنتتىكىلەر ئەسلىھەلىرى تولۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، كەنتنىڭمۇ بارغانسېرى گۈزەللەشكەنلىكى، بارغانسېرى باياشاتلاشقانلىقى، بارغانسېرى مەدەنىيلەشكەنلىكى. «ئىلگىرى ئىسمى - جىسمىغا لايىق خاڭدى كەنتى ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ <مىڭلىغان كەنتنى ئۈلگە قىلىپ تىكلەش، تۈمەنلىگەن كەنتنى تۈزەش> قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىگە ئايلاندى، بۇلار كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ بىللە ئىشلىگەنلىكىدىن بولدى» دېدى قەمەرنىسا.

«ھازىر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى، تۇرالغۇ مۇھىتى ياخشىلاندى، كىشىلەرمۇ كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھلۇق بولدى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى» دېدى ساۋ خۇڭجيەن.

«توغرا! ئىلگىرى بىز ھازىرقىدەك بۇنداق ياخشى مەنزىرىنى نەدىمۇ ئويلاپ يېتەلەيتتۇق. ھەميېنىمىز تومپايدى، مۇھىتىمىز ياخشىلاندى، كۆڭلىمىزمۇ ئازادىلىككە تولدى، بۇنىڭ ھەممىسىنى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن» دېدى قەمەرنىسا مېھمانخانىدىكى سافادا چۆرىدەپ ئولتۇرغان قوشنىلىرىنى چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلغاچ.

«ئالدىنقى يىلى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكىلەرنىڭ گۆش كەپتىرى كىرگۈزۈپ بېقىشىغا ياردەملىشىپ، پوسكام ناھىيە شياڭنيەن چارۋا، ئۆي قۇشلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، پۈتۈن كەنتتىكى 85 ئائىلىلىك نامرات ئائىلە گۆش كەپتىرى بېقىشقا قاتناشتى. ماڭا ئوخشاش نامرات ئائىلىدىكىلەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلىسە، مائاشىلا بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى نۇرئەخمەت نورۇز.

«يەڭگە، ئائىلەڭلارنىڭ بۇلتۇرقى كىرىم ئەھۋالى قانداق بولدى؟» دەپ سورىدى تۇرسۇنجان كۈلۈپ تۇرۇپ. «نەچچە كۈن ئىلگىرى بىز بالىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھېسابلاپ باققانىدۇق، تەخمىنەن جەمئىي 130 مىڭ يۈەن بوپتۇ» دېدى قەمەرنىسا جاۋابەن.

«خوتۇنۇم كەنتتە ئاچقان ئاشخانىدىنمۇ بىر يىلدا ئاز دېگەندە 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ» دېدى نۇرئەخمەت گەپ قىستۇرۇپ، «ئائىلەمدە ئۈچ جان بار، بۇلتۇرقى ئومۇمىي كىرىمىمىز 58 مىڭ 600 يۈەن بولدى».

بۇ يىللاردا خاڭدى كەنتى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، 2014 - يىلىدىكى 7683 يۈەندىن 2018 - يىلىدىكى 12 مىڭ 848 يۈەنگە كۆپەيتتى.

خاڭدى كەنتىدە ماڭغىنىڭىزدا، كوچا - يوللار ئازادە، ئۆيلەر رەتلىك، يوللار ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، ھەممىلا جايدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۈمىدكە تولغان تەبەسسۇمىنى كۆرگىلى بولىدۇ... بىر پارچە «پاكىز، يېشىل، راۋان، گۈزەل» بولغان گۈزەل يېزا - كەنت يۆگىمە رەسىمى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى