تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇملۇقتىكى قەھرىتان قىش كېچىسىدە خادىملار چارلاش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئاسراش خادىملىرى تارىم نېفىتلىك شىركىتى ئوتتۇرا تارىم 1- بىرلەشمە پونكىتىدا چارلاپ تەكشۈرمەكتە (1- ئاينىڭ 10 – كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

    بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ سوغۇق ۋاقىت 3-جۇ مەزگىلىدە، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىي رايونىدا، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە، شۇنداقلا ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتى ئوتتۇرا تارىم نېفىت تەبىئىي گاز ئېچىش بۆلۈمى پونكىتتىكى ئەسلىھەلەرنى كېچىدە چارلاپ تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، پونكىتتىكى تۇرۇبا يوللىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، توسۇلۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى ھەمدە قىشلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىش پەسلىدە نېفىت، تەبىئىي گازنى بىخەتەر، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

ئاسراش خادىملىرى تارىم نېفىتلىك شىركىتى ئوتتۇرا تارىم 1- بىرلەشمە پونكىتىدا ماشىنا پومپىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈردى (1- ئاينىڭ 10 – كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

تارىم نېفىتلىك شىركىتى ئوتتۇرا تارىم 1- بىرلەشمە پونكىتىدا، ئاسراش خادىمى دەي جىتاۋ ئۈسكۈنىلەرنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى تەكشۈردى (1- ئاينىڭ 10 – كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

تارىم نېفىتلىك شىركىتى ئوتتۇرا تارىم 1- بىرلەشمە پونكىتىدا، ئاسراش خادىمى ۋاڭ جيەنخۇا بۇففېر باكىنىڭ سۇيۇقلۇق ئورنىنى تەكشۈردى (1- ئاينىڭ 10 – كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

 1- ئاينىڭ 10 – كۈنى تارتىلغان تارىم نېفىتلىك شىركىتى ئوتتۇرا تارىم 1- بىرلەشمە پونكىتىنىڭ سۈرىتى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇ يۈ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى