تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سەككىز بالا داۋالاپ قۇتقۇزۇلدى

  1-ئاينىڭ 8-كۈنى، خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ تۇڭجى تىببىي شۆيۈەنى قارمىقىدىكى شيېخې دوختۇرخانىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىس، شىنجاڭ تىببىي داشۆ قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىا يۈرەك-كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋۇ لۇڭ(ئوڭدىن بىرىنچى) تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئوپېراتسىيە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن جىنلۇ خەۋىرى، فوتوسى) «بۇ يىل بالام نورمال يۈگۈرەلەيدىغان بولدى» دېدى بەش ياشلىق قىزى نەفىسەگە(ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) ھەمراھ بولۇۋاتقان ئابدۇرازاق ئابدۇرىھىم ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ھاياجانلانغان ھالدا. 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ تىببىي داشۆ قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا دەسلەپكى تۈركۈمدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بىمارلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش پائالىيىتىدە، «دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈش» تەلىپىگە ئاۋاز قوشۇپ، نامرات ئائىلىدىكى سەككىز ئاغرىق بالىنى داۋالاپ قۇتقۇزۇپ، ئوپېراتسىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان.

  1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولغان بەش ياشلىق نەفىسە(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دوختۇرلار بەرگەن سوۋغاتنى ئېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى.

  ئابدۇرازاق ئائىلىسىدىكىلەر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيە ئۈزەن يېزىسىدىن بولۇپ، كىچىك قىزى نەفىسە(ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) تۇغۇلغاندا تۇغما ئارتېرىيە قانىلى ئېتىلمىگەن(PDA) دەپ دىئاگنۇز قويۇلغان. مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق ئۇلار بۇنداق كۆپ ئۇچرايدىغان بالىلار تۇغما يۈرەك كېسىلىنى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئوپېراتسىيە ھەققىگە تەخمىنەن 30، 40 مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا، نەفىسەنىڭ(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) داۋالىنىشى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى شىنجاڭ تىببىي داشۆ قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇ يېزىغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنگە قەدەر ئارقىغا سوزۇلۇپ كەلگەن.

  «2-تارماق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشكە ياردەم بېرىپ ئالاقىلەشتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلىرى ئوپېراتسىيە قىلىپ، بالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، دوختۇرخانىنىڭ داۋالىغانلىقىغا ۋە ياردىمىگە رەھمەت» دېدى ئابدۇرازاق.

  خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ تۇڭجى تىببىي شۆيەنى قارمىقىدىكى شيېخې دوختۇرخانىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىس، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا يۈرەك-كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋۇ لۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىمىزئىزچىل تۈردە دۆلەت خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ «ئەتىكى پىلان» قاتارلىق داۋالاش، قۇتقۇزۇش تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى، بۇ قېتىم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، دوختۇرخانىمىزدا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى ھەم ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىككى شەھەر، سەككىز ناھىيە، يېزا، بازار دەرىجىلىك چەت-ياقا چارۋىچىلىق رايونلىرىدا 26 كۈنلۈك بالىلار يۈرەك كېسىلى خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، ئوپېراتسىيە قىلىنىشقا تېگىشلىك تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 91 بالىنى تاللىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل داۋالاش، قۇتقۇزۇش پائالىيىتى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ قانات يايدۇرىمىز.

  شىنجاڭ تىببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا پارتكومىنىڭ شۇجىسى ليۇ شياڭياڭ(ئوڭدىن ئىككىنچى)، دوختۇرخانا باشلىقى ياڭ شىنلىڭ(ئوڭدىن بىرىنچى) تۇغما يۈرەك كېسىلى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بالىلارغا سوۋغات تارقاتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى