تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

توقسۇ ناھىيەسى خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى بايرىمى باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ لېي، چېن چۇەن خەۋىرى، فوتوسى): 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان «قىشتىكى توقسۇ سەيلىسى . خەن، تاڭ ھوزۇرى» مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى.

  ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىدىكى خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مەدەنىيەت باغچىسى قىزىپ كەتكەنىدى، سودا-سېتىقچىلارنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى. مەززىلىك تائاملار بايرىمى جىمجىتلىققا چۆمگەن يېزا-كەنتلەرنى جانلاندۇردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدىكى ياڭيۇ، كاۋىلار مەززىلىك يېمەكلىككە ئايلىنىپ، جياۋزى، چۈچۈرە، كەپتەر چۆپى، تونۇر كاۋىپى، قوي پاچىقى، ئۆپكە-ھېسىپ قاتارلىق تائاملار ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ساياھەتچىلەر مەدەنىيەت باغچىسىنى ساياھەت قىلغاچ ھەر خىل نازۇ-نېمەتلەرنى تېتىدى.

  پائالىيەت مەيدانىدا يېمەك-ئىچمەكتىن سىرت، يەنە دۇتار، تەمبۇر، راۋاب قاتارلىق ئەنئەنىۋى چالغۇلار بار؛ مور، ياڭاق، چىلان قاتارلىق يېشىل يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە نەپىس قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، ھەر خىل تاۋارلار كۆزگە تاشلىنىپ، ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  خېنەن ئۆلكىسى جۇكوۋ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ شياڭرۇي مۇنداق دېدى: «مەززىلىك تائاملار بايرىمى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، تائاملارنىڭ تۈرلىرىمۇ ناھايىتى مول ئىكەن، مەن كۆرۈپ باقمىغان نۇرغۇن تائاملارنى تېتىپ باقتىم، ناھايىتى يېيىشلىك ئىكەن، مەن شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل باياشات جاينى ياقتۇرۇپ قالدىم.»

  توقسۇ ناھىيەسى خەن، تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ساياھەتچىلىك بايلىقىنىڭ جايلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، توقسۇ ناھىيەسى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت ئىستېمال بازىرىنى داۋاملىق جانلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچى: خەلققە قولايلىق بازار ئېچىلدى ئاھالىلەر كۆڭۈلدىكىدەك مال سېتىۋالدى
  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا تىجارەت باشلاندى!
  • «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى قوزغىتىلدى