تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پىراكتىكانت خې يۈتىڭ) ئالدىنقى جۈمە كۈنى، 2020-يىللىق 40 كۈنلۈك چاغانلىق يولۇچى توشۇش رەسمىي باشلاندى، چاغاندا ئۆيىگە قايتىدىغان دوستلار بالدۇرراق بېلەت سېتىۋېلىڭلار.
قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ. شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تەكرار تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃10-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19- بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ. تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەن بولۇپ، سوغۇقتىن ئۆتۈپ قېلىشتىن، زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
بۈگۈن 7~8 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن S319 ۋە S229 لىنىيەسى، ئالتاي ناۋخەي شامال رايونى بۆلىكى بار؛ باشقا تاشيول لىنىيەسى بويلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ.