تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك CBA چولپانلار مۇسابىقىسى: جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسى شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسىنى يەڭدى

خەلق تورى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى (ياڭ چاۋدۇڭ): 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك CBA چولپانلار ھەپتىلىكىدىكى مۇھىم بىر مەيدان مۇسابىقە يەنى جەنۇبىي رايون بىلەن شىمالىي رايوننىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گۇاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى. خۇ مىڭشۈەننىڭ مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا 12.3 سېكۇنت قالغاندا كىرگۈزگەن توپى بىلەن جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسى 166:167 نەتىجىدە شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسىنى يەڭدى، بۇنىڭ بىلەن، جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسى چولپانلار رەسمىي مۇسابىقىسىدە شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسىنى ئۇدا ئۈچ يىل يەڭدى، جاۋ رۈي مۇسابىقىدە 30 نومۇر، گاردىن قايتقان بەش توپ ئېلىپ، ئالتە قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلىپ، مۇشۇ نۆۋەتلىك چولپانلار مۇسابىقىسىدىكى MVP بولۇپ باھالاندى.

ماھىرلارنىڭ نومۇرغا ئېرىشىش ئەھۋالى جەھەتتە، جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسىدىن: يى جيەنليەن 10 نومۇر، ۋاڭ جېلىن 16 نومۇر، گاردىن قايتقان يەتتە توپ ئالدى، جاۋ رۈي 30 نومۇر (بىر چارەك مۇسابىقىدە 18 نومۇر)، گاردىن قايتقان بەش توپ ئېلىپ، ئالتە قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، چېن لىنجيەن 19 نومۇر، گاردىن قايتقان تۆت توپ، خۇ جىنچيۇ 30 نومۇر (بىر چارەك مۇسابىقىدە 16 نومۇر)، گاردىن قايتقان توققۇز توپ ئالدى، دېنمون 26 نومۇر ئېلىپ، بەش قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى. شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسىدىن: خەن دېجۈن 37 نومۇر (بىر چارەك مۇسابىقىدە 16 نومۇر)، گاردىن قايتقان 11 توپ ئالدى، جەي شياۋچۇەن 20 نومۇر ئېلىپ، ئالتە قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، لىن شۇخاۋ 41 نومۇر (بىر چارەك مۇسابىقىدە 18 نومۇر)، گاردىن قايتقان توققۇز توپ ئېلىپ، بەش قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، تاۋ خەنلىن 34 نومۇر، گاردىن قايتقان سەككىز توپ ئالدى.

تۇنجى چارەك مۇسابىقىدە، جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، يى جيەنليەن ئۈچ نومۇرلۇق توپنى ئۇدا كىرگۈزدى، شېن زىجيې گارغا توپنى كۆمتۈرۈپ سالدى، جاۋ رۈيمۇ ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى. شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن خاتالىق سادىر قىلدى، ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقە پەرقى چوڭ بولدى، لىن شۇخاۋ ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى، تاۋ خەنلىن گارغا توپنى كۆمتۈرۈپ سالدى. ئاخىرىدا، جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسى 47گە قارشى 59 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

ئىككىنچى چارەك مۇسابىقىدە، شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى. ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا، جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسى 84گە قارشى 89 نەتىجىدە نەتىجىدە داۋاملىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

كېيىنكى يېرىم مەيداندا، ئىككى كوماندا مەيدان ئالمىشىپ يەنە مۇسابىقىگە چۈشتى. ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقىدە، قىرانبېك ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى. جاۋ رۈي نومۇر ئالدى. خەن دېجۈن ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن ئىككىنى كىرگۈزدى. ئارقىدىن قىرانبېك يەنە ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى. شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسى نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئىككى كوماندا قاتتىق تىركەشتى. ئاخىرىدا، جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسى 118:122 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا 2 مىنۇت 50 سېكۇنت قالغاندا، جەنۇبىي رايون كوماندىسى 157:159 نەتىجىدە شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسىدىن ئۈستۈن تۇردى، مۇسابىقە ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى. جاۋ جىۋېي جازا توپتىن ئىككىنى كىرگۈزدى، جەي شياۋچۇەن ئۈچ نومۇر ئالدى، چېن لىنجيەن نومۇر ئالدى، دېڭ مېڭمۇ نومۇر ئالدى، جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسى نومۇر پەرقنى بىرگە كىچىكلەتتى. ئاخىرىدا، خۇ مىڭشۈەن بىر توپ كىرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن، جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسى بىر نومۇر پەرق شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسىنى ئاران يەڭدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى