تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قۇدرەتلىك پارتىيە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا تاۋلىنىپ چىققان

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

قانچە ئۇزاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ خىسلىتىنى شۇنچە يىتتۈرۈپ قويماسلىق كېرەك، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى شۇنچە ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى شۇنچە يوقىتىپ قويماسلىق كېرەك.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۆزلەپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن مەسىلىگە توغرا قاراش جاسارىتى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش» تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل - كېسىل ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ ئاگاھلاندۇردى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

قۇدرەتلىك پارتىيە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا تاۋلىنىپ چىققان. باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى. پارتىيە تارىخىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز ھەمىشە ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا دادىل تۈرتكە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، مەسىلىلەرگە توغرا قاراشقا، كەمچىلىكنى تۈگىتىشكە جۈرئەت قىلىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، چىرىگەن مۇسكۇللارنى ئېلىۋېتىشتە دادىل بولۇپ كەلدى. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر مۇشۇنداق قىلىشتا چىڭ تۇرغاچقا، ئاندىن خەۋپلىك پەيتلەردە خەتەر ئىچىدىن ھاياتلىق يولىنى تېپىپ، سەۋەنلىكتىن كېيىن قالايمىقانچىلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئوڭشاپ، مەڭگۈ يىقىلمايدىغان، ئۆرۈلمەيدىغان ماركسىزملىق پارتىيەگە ئايلاندى. تارىخ شۇنى چوڭقۇر بىلدۈردىكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىدە بولماستىن، بەلكى ئەزەلدىن كېسىلىنى يوشۇرمىغانلىقى، داۋالىنىشتىن باش تارتمىغانلىقىدا، دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەنلىكىدە، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلغانلىقىدا، ئىنتايىن كۈچلۈك ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى يۈكسەك باھا بەردى. بۇ قېتىمقى پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلغان باش تېما تەربىيەسى مۆلچەرلىگەن مەقسەتكە يېتىپ، مۇھىم، زور نەتىجىگە ئېرىشتى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىدا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، قەتئىي توختاپ قېلىش، ئارام ئېلىش ئويىدا بولۇشقا بولمايدۇ. ھازىر، ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى سۇسلىشىپ قالدى، ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىپ، ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؛ بەزىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش ئىقتىدارى چېكىنىپ كەتتى، ئۆز پايدا - زىيىنىنىلا ئويلىشىپ، كېسىلىنى يوشۇرۇپ داۋالىنىشتىن باش تارتىۋاتىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ تەنقىد قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتتى، ئۇستاتلىق قىلىپ ئۆزىنى ئاياپ، گاس - گاچا بولۇۋېلىۋاتىدۇ؛ بەزىلىرى ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ چىرىكلىشىپ كەتتى، ئىنتىزامنى قىلچە كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەتتا قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەر چەكلىسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ؛ قەدىمكىلەر مۇنداق دېگەن: «جاھاندا ساقلاش ئەڭ تەس بولغىنى قەلب، جاھاندا ئەڭ ئاسان ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرايدىغىنى نەپس». «كۆڭۈل ئوغرىسى» پەيدا بولغان ھامان، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئىرادىسى سۇسلىشىدۇ، ئەسلىي مەقسەتكە خىلاپلىق قىلىپ، بۇرچنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئىنتىزام تۆۋەن چېكىدىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ، ھەتتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى قەتئىي تازىلىغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

ئەسلىي مەقسەتنى تۇرغۇزۇش ئاسان، باشتىن - ئاخىر ساقلاش قىيىن. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلەپ بويىچە، جەزمەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئىنقىلابىي غايە ۋە تولۇپ تاشقان ئىنقىلابىي كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكۈر قورالنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىش، پارتىيە ئىشلىرىغا توسالغۇ بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق ھادىسىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى، پارتىيە تېنىگە يېپىشىۋالغان بارلىق مەينەت نەرسىلەرنى تازىلاپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، باتۇرلۇق بىلەن خاتالىقنى تۈزىتىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى. يېڭى مۇساپىدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتساق، بىز چوقۇم ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيەنىڭ ئىدىيەسىنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلىنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تېنىنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى